دالاي لاما ۋەكىللەر ئۆمىكى جۈمە كۈنى خىتاينى زىيارەت قىلماقچى


2007.06.28

تىبەتلەرنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لامانىڭ ئالاھىدە ۋەكىللەر ئۆمىكى جۈمە كۈنى خىتايدا زىيارەتتە بولۇپ، ئۆز ‏- ئارا سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغان.

رويېترىس ئاگېنتلىقى، سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، دالاي لامانىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئالاھىدە ۋەكىلى لودى گيارىنىڭ ئىككى نەپەر ياردەمچىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا، بېيجىڭدا 6 ‏- قېتىملىق سۆھبەتنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

2002 ‏- يىلىدىن بۇيان، خىتاي دائىرىلىرى دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن دىئالوگ قۇرۇپ كەلدى، ئەمما 5 قېتىم ئېلىپ بېرىلغان دىئالوگ ھېچقانداق نەتىجە بەرمىگەن ئىدى.

بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەگەر ئىككى تەرەپ ئۆز ‏- ئارا دىئالوگ ئېلىپ بېرىۋاتقان مەزگىلدە 1989 ‏- يىلى نوبىل تېنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن دالاي لاما سۈرگۈندە تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتسە، تىبەت خەلقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقى تېخىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىن.

خىتاي ئارمىيىسى 1950 ‏- يىلى تىبەتنى بېسىۋالغان، 1959 ‏- يىلى تىبەتلىكلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان ھەرىكىتى مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، دالاي لاما تىبەتتىن ھىندىستانغا قېچىپ كەلگەن. دالاي لامانىڭ ئالاھىدە ۋەكىللەر ئۆمىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خادىملىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، تىبەتنىڭ ئاپتونومىيە قانۇنى ۋە دالاي لامانىڭ تىبەتكە قايتىپ كېلىش مەسىلىلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارماقتا. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.