خىتاي-تىبەت سۆھبىتى نازۇك مەسىلىلەر باسقۇچىغا كىرگەن
2007.07.09
ئۆتكەن ھەپتە بېيجىڭنى زىيارەت قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان تىبەت روھانى داھىسى دالاي لامانىڭ ۋەكىلى لودى گيارى،خىتاي بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتنىڭ نازۇك مەسىلىلەرگە چېتىلغانلىقىنى، لېكىن ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ تىبەتكە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردىكى پىكىر ئىختىلاپى يەنىلا چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
لودى گيارى باشچىلىقىدىكى 4 كىشىلىك دالاي لاما ۋەكىللەر ئۆمىكى 29 - ئىيۇندىن 5 - ئىيۇلغىچە بېيجىڭدا ئېلىپ بارغان زىيارىتىدە، خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ بىرلىكسەپ بۆلۈمىدىكى ئەمەلدارلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.
بۇ ئۇلارنىڭ 2002 - يىلدىن بېرى ئېلىپ بارغان 6 - نۆۋەتلىك سۆھبىتى ئىدى. لودى گيارى،" ھەر ئىككىلا تەرەپ پوزىتسىيىسىنى كۈچلۈك ئىبارىلەر بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بىر قاتار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى" دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، " سۆھبىتىمىز نازۇك باسقۇچقا كەلدى. بىز تىبەت مەسىلىسىدىكى جىددىي قاراشلىرىمىزنى ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە ئىپادىلەش بىلەن بىرگە، ئەگەر سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دەپ قارالسا، ئىجرا قىلىشقا تېگىشلىك بەزى كونكرېت پىلانلارنى ئوتتۇرىغا قويدۇق " دەيدۇ. لېكىن لودى گيارى، قانداق پىلانلارنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئاشكارىلىمىدى.
خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى دالاي لاما ۋەكىللىرىنىڭ زىيارىتى توغرىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، تىبەت ۋەكىللەر ئۆمىكى دالاي لاماغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى، لېكىن تىبەت ۋەكىللىرىنىڭ زىيارىتى دالاي لامانىڭ خىتاينى چۈشىنىشىگە ۋە توغرا يولنى تاللىشىغا ياردەمچى بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلغان. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- دالاي لاما ۋەكىللىرى شاڭخەيگە يېتىپ باردى
- دالاي لاما ۋەكىللەر ئۆمىكى جۈمە كۈنى خىتاينى زىيارەت قىلماقچى
- خىتاي دائىرىلىرى ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان تىبەتلەرنى باستۇرۇپ تىنجىتقان
- خىتاي ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن تېبەت ئاپتونوم رايون رەئىسى، دالاي لامانىڭ تولۇق ئاپتونومىيە تەلىپىگە قارشى تۇرماقتا
- تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاما سەيشەنبە كۈنى يېڭى زېلاندىيىدە زىيارەتتە بولدى
- ئاۋسترالىيە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ دالايلامانىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلماسلىق تەلىپىنى رەت قىلدى
- دالاي لاما تىبەت مەدىنىيىتىنىڭ 15 يىل ئىچىدە زاۋاللىققا يۈز تۇتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى
- خىتاينىڭ تىبەتتىكى ئەمەلدارى دالاي لامانى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە چاتتى
- تىبەت مۇستەقىللىق تەشكىلاتى بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان ئولىمپىك يىغىنىغا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى