دالاي لاما ۋەكىلى: خىتاينىڭ تىبەت مەسىلىسىدە ئىپادە بىلدۈرىدىغان ۋاقتى كەلدى

تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لامانىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى لودى گەرى 26 ‏- ئىيۇل كۈنى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىغا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دالاي لاماغا قاراتقان پوزىتسىيىسىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

دالاي لاما، ئۇزۇندىن بېرى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن سىياسىي رامكا ئىچىدە تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لامانى " تىبەتنىڭ مۈستەقىللىقىنى تەرغىپ قىلدى " دەپ ئىزچىل ئەيىبلەپ كەلدى.

تىبەتنىڭ سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى دىنىي ئەركىنلىكنى تەرغىپ قىلىش بىلەن بىرگە تىبەت مەدەنىيىتىنى قوغداشنى ئۆزلىرىنىڭ ئاساسلىق نىشانى قىلغان بولۇپ، تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لامامۇ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن، تىبەتنىڭ مۈستەقىللىقىنى تەرغىپ قىلمايدىغانلىقىنى ۋە كەلگۈسىدە تىبەتتە ۋەزىپە ئېلىش مۇددىئاسىنىڭمۇ يوق ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ پەقەت تىبەتكە ھەقىقىي ئاپتونومىيە بېرىلىشى بىلەن ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە تىبەت مەدەنىيىتىنىڭ ساقلىنىشى ھەمدە تىبەتنىڭ تەرەققىياتقا ئېرىشىشىنىلا ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

2002 ‏- يىلىدىن بېرى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن 6 قېتىم غەيرى رەسمىي يوسۇندا ئۇچراشتى. لېكىن بۇ ئۇچرىشىشلار ھېچقانداق نەتىجە بەرمىدى. دالاي لامانىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى لودى گەرى" : ھازىر بېيجىڭنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئىپادىسىنى بىلدۈرىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى" دېيىش ئارقىلىق، ئەگەر بېيجىڭنىڭ تىبەت مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى يەنىلا پاسسىپ داۋاملىشىۋەرسە ، ئۆزىنىڭ دالاي لامانىڭ ۋەكىلى بولۇش ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

22 ‏- ئىيۇل كۈنى ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم گېرمانىيىنىڭ ھامبۇرۇگ شەھىرىدە دالاي لاما بىلەن ئۇچراشقان ئىدى. (ئەقىدە)