بېيجىڭ : دالاي لاما بىلەن بولغان سۆھبەت ئىشىكىمىز داۋاملىق ئوچۇق

تىبەت روھانى داھىسى دالاي لامانىڭ ئالاھىدە ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبىتى نەتىجىسىز ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لاما بىلەن بولغان سۆھبەت ئىشىكىنىڭ داۋاملىق ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. لېكىن تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نىيما سېرىن، دالاي لاما چوقۇم تىبەتنى خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى، دەپ ئېتىراپ قىلىشى ۋە بۆلگۈنچىلىك ھەركەتلەردىن ۋاز كېچىشى كېرەك، دەپ تەكىتلىگەن.

نىيما سېرىن ئالدىنقى كۈنى تىبەت مەركىزى لخاسادا چاقىرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، دالاي لاما بىلەن بولغان سۆھبەت قانىلىمىز يەنىلا ئوچۇق. لېكىن بۇ "دالاي لامانىڭ پوزىتسىيىسىگە باغلىق "يەنى دالاي لامانىڭ "مۇستەقىللىقتىن ۋاز كېچىش - كەچمەسلىكى ۋە بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلەرنى توختىتىش - توختاتماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك" دەپ كۆرسەتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى 2002 - يىلدىن بېرى دالاي لاما ۋەكىللىرى بىلەن تىبەت مەسىلىسى بۇيىچە 6 قېتىم سۆھبەت ئېلىپ باردى.

ئاخىرقى قېتىملىق سۆھبەت بۇ ئاينىڭ باشلىرى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن سۆھبەت ئەمەلىي نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن. دالاي لاما ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى لودى گيارىنىڭ سۆھبەتتىن كېيىن ئاشكارىلىشىچە، بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە تەرەپلەر ئەڭ نازۇك ۋە كونكرېت مەسىلىلەردە كەسكىن تالاش- تارتىش ئېلان بارغان. لودى گيارىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ سۆھبەتتە تىبەت ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنى سولچىللىق بىلەن ئەيىبلەپ، پارتكوم سېكرىتارى جاڭ چىڭلىنى "مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن قالغان كۈچلەر " دەپ تەنقىدلىگەن.

تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نيما سېرىن يەنە، دالاي لاما تەرىپىدىن تاللانغان بەنچەن لامانىڭ نۆۋەتتە تىبەتتىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بەنچەن لاما 1995 - يىلى 6 يېشىدىن باشلاپ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن نەزەربەنت قىلىنغان. (ئەركىن)