بېيجىڭ ھۆكۈمىتى يېقىندا تىبەت لامالىرىنىڭ ۋارىس بېكىتىش مەسىلىسى توغرىسىدا يىغىن چاقىرىپ، لامالار ۋارىس بېكىتكەندە تىبەتنى ئاساس قىلىشنى، ئەگەر دالاي لاما بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىنى توختاتمىسا، ئۇنىڭ چەتئەلدە بېكىتكەن ۋارىسىنى مەركىزى ھۆكۈمەت ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خوڭكوڭدا چىقىدىغان "شىڭداۋ" گېزىتىنىڭ جۈمە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، يىغىندا دائىرىلەر تىبەت لامالىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى چىقارغان "لامالارنىڭ ۋارىس بېكىتىش بەلگىلىمىسى"نى قەتئى ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، ۋارىس بېكىتكەندە چوقۇم ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشنى، تىبەتتىكى لاما بۇتخانىلىرىدا "سوتسىيالىستىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى" تەكىتلىگەن. تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما ئىلگىرى، ئەگەر ئۇ ھايات ۋاقتىدا تىبەت مەسىلىسى ھەل بولمىسا، دالاي لامانىڭ ۋارىسى تىبەتتە تۇغۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. دالاي لاما 1995 - يىلى 6 ياشلاردىكى نېيما ئىسىملىك بىر ئۆسمۈرنى 11 - بەنچەننىڭ ۋارىسى قىلىپ بېكىتكەندە خىتاي ھۆكۈمىتى يېڭى بەنچەننى نەزەربەنت قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ھازىرغا قەدەر كىشىلەرگە مەلۇم ئەمەس.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تىبەتلىك بۇددىستلار بولسا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىنى " كۈلكىلىك،" دەپ ئەيىپلىمەكتە. بېيجىڭدىكى خىتاي يازغۇچى ۋاڭ لىشيوڭ جۈمە كۈنى رادىئومىزغا "دالاي لاما چەتئەلدە ۋارىس بېكىتسە ئېتىراپ قىلمايمىز، دەپ تەھدىت سېلىشنىڭ ھېچبىر ئەھمىيىتى بار، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى"بىلدۈردى. ئۇ، ئاتىئىزىمغا ئىشىنىدىغان بىر ھۆكۈمەتنىڭ دىننى باشقۇرماقچى بولۇشىنىڭ ئۆزى بىر غەلىتىلىك، "دەيدۇ. دالاي لاما يېقىندا گېرمانىيىدىكى بىر زىيارىتىدە، تىبەت مەدىنىيىتىنىڭ 15 يىل ئىچىدە پۈتۈنلەي ھالاك بولۇشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ( ئەركىن)