خىتاي ئامېرىكىنىڭ دالاي لاماغا ئالتۇن مېدال بېرىش قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ، تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاماغا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئالتۇن مىدالى بېرىش قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جەنچاۋ پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ دالاي لاماغا ئالتۇن مېدال مۇكاپاتى بەرگەنلىكىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، "بىز ھەر قانداق بىر دۆلەت ياكى شەخىسنىڭ دالاي لامادىن جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ئۈچۈن پايدىلىنىشىغا قارشى تۇرىمىز " دېگەن.

ئامېرىكا بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ باياناتچىسى ئۆتكەن ئاي بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ، 17‏- ئۆكتەبىر كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان، دالاي لاما غا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئالتۇن مېدال مۇكاپاتى بېرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

پرېزىدېنت جورج بۇشنىڭ دالاي لاماغا مۇكاپات بېرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشى، تۇنجى قېتىم بىر دۆلەت رەئىسىنىڭ دالاي لامانى مۇكاپاتلاش سورۇنىغا قاتنىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى، ئۆتكەن ئاي ئاۋسترالىيىدە خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكىنىدە، خۇ جىنتاۋنى ئۆزىنىڭ دالاي لاماغا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئالتۇن مېدال بېرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىدىن خەۋەرلەندۈرگەن. (ئەقىدە)