دالاي لامانى تەبرىكلىگەن تىبەت راھىپلىرى بىلەن خىتاي ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن


2007.10.22

خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تىبەت روھانى دالاي لامانىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئالتۇن مېدالى بىلەن مۇكاپاتلانغانلىقىنى تەبرىكلىمەكچى بولغان تىبەت مەركىزى لخاسادىكى بىر ئىبادەتخانىنىڭ نەچچە يۈز راھىبى بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن بولۇپ، توقۇنۇش 4 كۈن داۋام قىلغان.

خىتاي دائىرىلىرى لخاسادىكى ۋەقە يۈز بەرگەن جېپۇڭ ئىبادەتخانىسىغا 3000 كىشىلىك ساقچى قوشۇنى يۆتكەپ كېلىپ، ئىبادەتخانىدىكى 1100 نەپەر راھىبنىڭ سىرتقا چىقىشىنى ياكى سىرتتىكىلەرنىڭ ئىبادەتخانىغا كىرىشىنى چەكلىگەن.

خىتاي، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 17 ‏- ئۆكتەبىر كۈنى دالاي لامانى ئالتۇن مېدال بىلەن مۇكاپاتلىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇ ۋەقە خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە ئېغىر دەخلى - تەرۇز يەتكۈزىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. جېپۇڭ ئىبادەتخانىسىدىكى راھىپلار دالاي لامانىڭ مۇكاپات ئالغانلىقىنى تەبرىكلىمەكچى بولغان بولسىمۇ، دائىرىلەرنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچراپ، ساقچىلار ئىبادەتخانىغا خادا ئاسماقچى بولغان راھىپلارنى ئۇرغان. لېكىن خەۋەردە قانچە كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ياكى يارىلانغانلىقى تىلغا ئېلىنمىدى.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جايبۇڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ يېنىدىكى يەنە بىر ئىبادەتخانىدا ساقچىلار بىلەن راھىپلار توقۇنۇشقان شۇنداقلا ساقچىلار كوچىلارغا تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى قۇرغان.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش، دۆلەت مەجلىسىنىڭ دالاي لاماغا مۇكاپات بېرىش مۇراسىمىدا خىتاي رەھبىرىنى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشكە چاقىرغان ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.