تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما تىبەتتىكى خەلق ئىسيانى كونترولدىن چىقىپ كېتىپ، ۋەزىيەت ئېغىرلىشىپ كەتسە، ئۆز ئورنىدىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى شۇنداقلا ئۇ يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭ ھەققىدىكى ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلىپ، لخاسادىكى ئىسياننى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى رەت قىلدى.
دالاي لاما سەيشەنبە كۈنى دارامسالادا ب ب س مۇخبىرىغا " ئەگەر ۋەزىيەت كونترولدىن چىقىپ كەتسە، ئۇ ھالدا مېنىڭ تاللاش يولۇم ھازىرقى ئورنۇمدىن چېكىنىشتۇر،" دەيدۇ. دالاي لامانىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ ئىلگىرى تىبەتتە پارتلىغان ئىسيانلاردىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش ئاگاھلاندۇرۇشتا بولغان. دالاي لاما 1987 - يىلى لخاسادا پارتلىغان قوزغىلاڭدىمۇ ئەگەر ۋەزىيەت كونترولدىن چىقىپ كەتسە، ئۆزىنىڭ " چېكىنىش" تىن باشقا تاللاش يولى قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
دالاي لاما يەنە، تىبەت قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ لخاسادىكى خىتاي كۆچمەنلىرىگە ھۇجۇم قىلغانلىقى ۋە دۇكان ھەم ماگىزىنلارنى ئۇرۇپ چاققانلىقىنى " توغرا ئەمەس" دېدى. دالاي لامانىڭ كاتىبىنىڭ ب ب س مۇخبىرىغا چۈشەندۈرۈشىچە، دالاي لامانىڭ تۇتقان يولى زوراۋانلىقسىز يولىدۇر. ئەگەر تىبەتلەر ئۇنىڭ تۇتقان يولىدا ماڭماي قولىغا قورال ئالسا، بۇ ھالدا ئۇنىڭ تىبەتلەرگە ۋاكالىتەن سۆز قىلىش ھوقۇقىدىن ئىستىپا بېرىشىگە توغرا كېلىدىكەن. لېكىن دالاي لامانىڭ كاتىپى ھازىرغا قەدەر تىبەتلەرنىڭ قوراللانغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان بىرەر ئالامەت بايقالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
دالاي لاما يەنە، " بۇ قېتىمقى ھەرىكەت بىزنىڭ كونترولىمىزدا ئەمەس" دەپ تەكىتلىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى ۋەقەنى دالاي لاما پەردە ئارىسىدا پىلانلىغان، دەپ ئەيىبلىمەكتە. خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ تۈنۈگۈن دالاي لاماغا ھۇجۇم قىلىپ، دالاي لامانىڭ تىبەتلەر "مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى" غا ئۇچراۋاتىدۇ، دېگەن سۆزلىرىنى " قىپقىزىل يالغانچىلىق " دېگەن ئىدى. لېكىن دالاي لاما يەنە، ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى تىبەتلەرگە نېمە قىلىش ياكى نېمە قىلماسلىق توغرىسىدا نەسىھەت بېرەلمەيدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۆزىدە بۇنداق بىر ئەخلاقىي مەسئۇلىيەتنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. (گۈلچېھرە)