دالاي لاما 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2008.03.08
تىبەتنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي داھىسى دالاي لاما، 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شەنبە كۈنى، دالاي لامانىڭ باشقۇرۇشىدىكى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن، ھىندىستاننىڭ درامسالا شەھىرىدە ئېلان قىلنغان بىر باياناتتا، " دالاي لامانىڭ،خىتاينىڭ 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا ساھىپخانلىق قىلىش ھوقۇقىنى داۋاملىق قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، خەلقئارا جامائەتكە مەلۇم" دەپ كۆرسىتىلگەن.
جۈمە كۈنى، تىبەت كومپارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى جاڭ چىڭلى، دالاي لامانى " تۈرلۈك سۆز - چۆچەكلەر تارقىتىش ئارقىلىق 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ دەپ، ئەيىبلىگەن ئىدى.
دالاي لامانىڭ ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، دالاي لامانىڭ 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تىرىىشمىغانلىقى، لېكىن ھەر قايسى تەشكىلاتلارنى، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىن پايدىلىنىپ، خەلقئارا جامائەتنىڭ شۇنىڭدەك خىتاي خەلقىنىڭ دىققىتىنى تىبەتتىكى ۋەزىيەتكە ۋە تىبەت خەلقى ئۈستىدىكى بېسىمغا تارتىشقا چاقىرغانلىقى، تەكىتلەنگەن.
چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بەش تىبەت تەشكىلاتى، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھارپىسىدا، خىتاينىڭ تىبەتتىكى ھاكىمىيىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋە خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى تىبەت مەسىلىسىگە تارتىش ئۈچۈن، ھىندىستاندىن تىبەتكىچە پىيادە مېڭىش ھەرىكىتى باشلىتىشنى پىلانلىماقتا.
مەزكۇر تەشكىلاتلار، بۇنداق بىر پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، خىتايغا قارشى يۇمشاق بىر پوزىتسىيىدە بولۇۋاتقان دالاي لامانىڭ ماقۇللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ئولىمپىك ھارپىسىدا كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش بېسىمىغا ئىزچىل دۇچ كەلمەكتە
- خەلقئارا ساقچى ئورگىنى 2008 - يىل ئولىمپىكىنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇم نىشانى بولۇش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى كۆرسەتتى
- ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىلىباند خىتاينى لۈكچەك دۆلەتلەر بىلەن ھەمتاۋاق بولماسلىققا چاقىردى
- خىتاي دارفۇر مەسىلىسىدە ئىنكاس قايتۇردى
- كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئامېرىكىنى خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولۇشقا چاقىردى
- خىتاي بېيجىڭ خەلقئارا ئايرودرومىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى
- خىتاي ھوللىۋۇد رېژىسسورىنىڭ ئولىمپىكقا قاتنىشىشتىن ۋاز كەچكەنلىكىگە قارىتا ئىنكاس قايتۇردى
- خوللىۋۇتنىڭ فىلىم دىرېكتورى سپىلبېرگ ئەپەندى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن چېكىندى
- نوبېل مۇكاپاتى ساھىپلىرى خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋغا خەت يازدى
- جەنۇبىي ئاستانە گېزىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى قويۇۋېتىلدى
- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى : خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەدىسىدە تۇرمىدى
- ئولىمپىككە يېرىم يىل قالغان پەيتلەردە خىتاي ھەر تۈرلۈك مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە