دالاي لامانىڭ تىبەتكە قايتىپ كېلىشىنى تەرغىپ قىلغان تىبەتلىك سوتلاندى
2007.08.28
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى سەيشەنبە كۈنى، سىچۈئەن لىتاڭ ناھىيىسى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ يېقىندا رۇڭگىي ئاداك ئىسىملىك بىر تىبەتلىكنى " دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان " دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپ سوتلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
دارامسالادىكى تىبەت كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ، رۇڭگىي ئاداك 1 - ئاۋغۇست كۈنى سىچۈئەن لىتاڭ ناھىيىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئات بەيگىسى مۇراسىمىدا يۇقىرى ئاۋازدا " تىبەتكە مۇستەقىللىق، دالاي لامانىڭ تىبەتكە قايتىپ كېلىشىگە رۇخسەت بېرىلىشى كېرەك" دەپ شۇئار توۋلىغان، بۇ سەۋەبلىك رۇڭگىي ئاداك قولغا ئېلىنغان ھەمدە بۇ لىتاڭ ناھىيەسىدىكى ئاھالىنىڭ قاتتىق نارازىلىقى قوزغىغان.
ساقچى دائىرىلىرى، رۇڭگىي ئاداكنى قوللىغۇچىلار ۋە نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەرنى تۇتۇش ھەرىكىتى قوزغاپ، رۇڭگىي ئاداكنىڭ تۇققانلىرى باشلىق بىر قانچە تىبەتلىكنى قولغا ئالغان.
تىبەت كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ، رۇڭگىي ئاداكنى تىبەت خەلقىنىڭ ھۆرلۈكى ۋە دالاي لاماغا بولغان ساداقىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئۆز باتۇرلۇقىنى نامايەن قىلدى دەپ تەرىپلەشمەكتە.
خىتاي دائىرىلىرى تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاما ۋەكىللىرىنىڭ، ئالىي ئاپتونومىيە تەلەپلىرى بىلەن تىبەت مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش تەشەببۈسلىرىنى ئىزچىل تۈردە رەت قىلىپ، دالاينى دىنىي تونغا ئورۇنىۋالغان سىياسىي بۆلگۈنچى دەپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە. دالاي لاما ۋەكىللىرىنىڭ 6 - قېتىملىق سۆھبىتى مەغلۇب بولغاندىن كېيىن تىبەتتە ۋە تىبەت سىرتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلەر تېخىمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- بېيجىڭ، دالاي لامانىڭ ۋارىسى چەتئەلدە تۇغۇلسا ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان
- خىتاي تىبەت ئاپتونوم رايونىدا دالاي لامانىڭ تەسىرىنى تازىلاش ھەرىكىتى قوزغىدى
- سەددىچىن سېپىلىدە نامايىش ئۆتكۈزگەن تىبەتلەر چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى
- تىبەت ئەركىنلىك پائالىيەتچىلىرى سەددىچىن سېپىلىگە تىبەتكە ئەركىنلىك بېرىش ھەققىدە لوزۇنكا ئاستى
- تىبەتلىكلەر 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يېغىنىغا قارشى نارازىلىق بىلدۈردى
- سىچۈەندە دالاي لامانىڭ تىبەتكە قايتىشىنى تەلەپ قىلغان يۈزلىگەن تىبەتلىك قولغا ئېلىندى
- بېيجىڭ : دالاي لاما بىلەن بولغان سۆھبەت ئىشىكىمىز داۋاملىق ئوچۇق
- دالاي لاما ۋەكىلى: خىتاينىڭ تىبەت مەسىلىسىدە ئىپادە بىلدۈرىدىغان ۋاقتى كەلدى