دالاي لاما ئۆز ۋارىسىنى بەلگىلەش قارارىنى ئىپادىلىدى
2007.11.22
خىتاي دائىرىلىرى، تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لامانى" تىبەتلەرنىڭ بۇددىست ئەنئەنىسىگە خىلاپلىق قىلدى" دەپ ئەيىبلىدى. دالاي لاما يېقىندا ۋاپاتىدىن بۇرۇن، ئۆز ۋارىسىنى بېكىتىدىغانلىقىنى، بۇ ۋارىسنىڭ ھېچقاچان خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ئۆسمۈر لاما ئەمەس ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جەنچاۋ پەيشەنبە كۈنى دەرھال بۇ ھەقتە ئىنكاس بىلدۈرۈپ":دالاينىڭ بۇ ھەرىكىتى، تىبەت بۇددىست قائىدىسىگە ھەمدە تارىخىي ئادەتلىرىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ" دېدى.
دالاي لاما، ئۆز ۋارىسىنى سايلام بىلەن بېكىتىدىغانلىقىنى ياكى بولمىسا ئۆزىنىڭ ئۆلۈمىدىن بۇرۇن بېكىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولۇپ، دالاي لاما ياپونىيىدە يۇقىرىقى قاراشلىرىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ ئۆتۈپ " : تىبەت خەلقى، جۇڭگۇ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن لاما ۋارىسىنى قوبۇل قىلمايدۇ" دېدى.
1989 - يىلى" نوبىل تېنچلىق مۇكاپاتى" غا ئېرىشكەن دالاي لاما، يېشىنىڭ كۈندىن - كۈنگە چوڭىيىۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ۋارس بەلگىلەش مەسىلىسگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلمەكتە.
دالاي لاما ئىلگىرى يەنە، " 1959 - يىلىدىن كېيىن نۇرغۇنلىغان تىبەتلەر چەتئەللەرگە قېچىپ چىقتى، نۇرغۇنلىغان تىبەت ياشلىرى چەتئەللەردە ئالىي دەرىجىلىك ئۈنۋانلارغا ئېرىشتى ھەمدە ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكىلاردا ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن بىرگە تۇرمۇش كەچۈردى. بۇ جەرياندا كۆپلىگەن ئامېرىكا ۋە ياۋروپالىقلار بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ، تىبەتنىڭ دىنىي، مەدەنىيىتى شۇنىڭدەك سىياسىي پائالىيەتلىرىنى قوللاپ قۇۋەتلىدى، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ، نېمە ئۈچۈن چەتئەللەردىكى تىبەتلەردىن لاما ۋارىسىنى بېكىتىشكە بولمايدىكەن" دېگەن ئىدى. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تىبەت مالچى، ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەندى
- خىتاي تىبەت مۇساپىرلىرىغا ئوق چىقارغانلىقىنى رەت قىلدى
- خىتاي ساقچىلىرى لخاسادىكى تەبرىكلەش مۇراسىمىنى باستۇردى
- دالاي لامانى تەبرىكلىگەن تىبەت راھىپلىرى بىلەن خىتاي ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن
- خىتاي ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە دالاي لاماغا ئالتۇن مېدال بەرگەنلىكى ئۈچۈن قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى
- خىتاي بۇشنىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى
- تىبەتنىڭ دىنىي داھىيسى دالاي لاما ئاق سارايدا پرېزىدېنت بۇشنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشتى
- خىتاي ئامېرىكىنىڭ دالاي لاماغا ئالتۇن مېدال بېرىش قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى
- خىتاي، تىبەت دىنىي رەھبەرلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن رۇخسەتسىز سايلىنالمايدىغانلىقىنى بەلگىلىدى
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى خىتاينى قولغا ئېلىنغان تىبەتلىك ئۆسمۈرلەرنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى