دالاي لاما خىتاينى، "تېررورلۇق بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان بىر ساقچى دۆلىتى،" دەپ ئەيىبلىدى
2008.03.29
بىر نەچچە يىلدىن بېرى، تىبەت مەسىلىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى ئۈچۈن "ئوتتۇرا يول" نەزەرىيىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى يۇمشاق بىر پوزىتسىيىدە بولۇپ كەلگەن تىبەتلەرنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي داھىسى دالاي لاما، يېقىندا تىبەتتە يۈز بەرگەن قوزغىلاڭدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراتقان تەنقىدلىرىنى كۈچەيتتى.
دالاي لاما، شەنبە كۈنى، ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بەرگەن باياناتىدا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى، تىبەتكە خىتاي كۆچمەنلىرى يۆتكەش ئارقىلىق، تىبەتلەرنى ئۆز ۋەتىنىدە ئاز سانلىق مىللەت ئەھۋالىغا چۈشۈرۈشكە ھەمدە تىبەت مەدەنىيىتىنى يوقۇتۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلەپ، خىتاي دۆلىتىنى "تېررورلۇق بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان بىر ساقچى دۆلىتى" دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دالاي لاما باياناتىدا شۇنداقلا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبىدىن، مۇقىمسىزلىق گىردابىغا چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان.
تىبەتنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي داھىسى خەلقئارا جامائەتنى، تىبەتتىكى قالايمىقانچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن ياردەمگە چاقىرىپ،" بىزدە ئادالەت، ھەقىقەت ۋە سەمىمىيەتتىن ئۆزگە قورال يوق، ئۇنىڭ ئۈچۈن خەلقئارا جامائەتنى ياردەمگە چاقىرىمەن " دېگەن.
دالاي لاما جۈمە كۈنى، خىتاي خەلقىگە مۇراجەت قىلىپ، ئۇلارنى تىبەت مەسىلىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىغا ياردەم بېرىشكە چاقىرغان ئىدى. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- لخاسادا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى
- بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرى بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
- ئامېرىكا خىتاينىڭ تىبەتتىكى تەكشۈرۈش ئۆمىكىگە قاتنىشىش تەكلىپىنى تاپشۇرۇۋالدى
- تىبەتلىك راھىبلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت ۋەزىيىتىنى تىنچ قىلىپ كۆرسىتىش پىلانىنى بۇزۇۋەتتى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى مۇخبىرلار ئۆمىكى تەشكىللەپ تىبەتكە ئەۋەتتى
- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتىكى باستۇرۇشىغا قارشى نارازىلىق كۈچەيمەكتە
- تىبەتتە توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا
- ياۋروپا ئەللىرىدە خىتاي ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش پىكىرى كۈچەيمەكتە
- نوبېل مۇكاپاتىنىڭ 26 نەپەر ئېرىشكۈچىسى خىتاينى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ئۈندىدى
- دالاي لاما : خۇ جىنتاۋ بىلەن سۆھبەتكە تەييارمەن
- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بىتەرەپ كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تىبەتتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى