دالاي لاما : خۇ جىنتاۋ بىلەن سۆھبەتكە تەييارمەن


2008.03.20

سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاما پەيشەنبە كۈنى، لخاسادىكى زوراۋانلىق ھەرىكىتى ئاياقلاشقان ھامان، ئۆزىنىڭ خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن تىبەت مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دالاي لاما مۇخبىرلارغا بېيجىڭغا بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ " : مەن بۇرۇندىن بېرى جۇڭگو رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشنى خالايتىم، بولۇپمۇ خۇ جىنتاۋ بىلەن " دېدى.

دالاي سۆزىدە يەنە": بۇ ئەلۋەتتە جۇڭگو تەرەپتىن سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ھەققىدە ئېنىق بىر بىشارەت كەلگەن ئەھۋال ئاستىدا بولىدۇ، ئەگەر شۇنداق بولغاندا مەن ناھايىتى خوشال بولىمەن، تىبەتتىكى نارازىلىق ھەرىكىتى ئاياغلىشىپ، بىر قانچە ھەپتە كېيىن ياكى بىر قانچە ئاي كېيىن بولسۇن، جۇڭگو رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا تەييارمەن" دېدى.

دالاي يەنە، تىبەت نارازىلىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇش جەريانىدا نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە يارىلانغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن قاتتىق ئەندىشە ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دالاينىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراتقان مۆتىدىل سىياسىتى، چەتئەللەردىكى تىبەت ياشلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، دالاينىڭ مۆتىدىل سىياسىتى ئۆتكەن 20 يىلدىن بۇيان ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.