دالاي لاما: خىتاي يادرو تاشلاندۇقلىرىنى تىبەتكە تۆكۈۋاتىدۇ
2004.10.04
تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاما يەكشەنبە كۈنى مىكسىكا شەھىرىنى زىيارەت قىلغاندا، " تىبەتنىڭ چەت رايۇنلىرىدا غەيرىي تۇغۇلىۋاتقان قۇش ۋە ھايۋاناتلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ تىبەتنى يادرو تاشلاندۇقلىرىنى تۆكىدىغان ئەخلەتخانىغا ئايلاندۇرغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ" - دىدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دالاي لاما مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە " خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ئادەم شۇنچىلىك زىچ ئورۇنلاشقان بولغاچقا،خىتاينىڭ يادرو تاشلاندۇقلىرىنى تۆكىدىغان جايدىن پەقەت تىبەتلا قالغان" دىگەن.
يېقىنقى يىللاردىن بويان دالاي لامانىڭ تىبەتتىكى قوللىغۇچىلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزىۋاتقانلىقىنى، يادرو تاشلاندۇقلىرىنى تۆكۈپلا قالماستىن يەنە نېفىت ۋە ئورمان بايلىقىنى قالايمىقان ئېچىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. يەنە بەزىلىرى بولسا، خىتاينىڭ ھەتتا تىبەتكە يادرو قوراللارنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىدىن گۇمان قىلماقتا. ئەمما دالاي لاما يەكشەنبە كۈنى بۇھەقتە ئۆزلىرىنىڭ ئېنىق ئۇچۇرغا ئىگە ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.
مېكسىكا،دالاي لامانىڭ لاتىن ئامېرىكىسى زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى بولۇپ، ئۇ بۇنىڭ ئالدىدا پۇئېرتورىكو، كوستارىكا، گۋاتېمالا قاتارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلغان ئىدى. دالاي لاما مېكسىكىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا يەنە مېكسىكا تۆۋەن پالاتا ئەزالىرىغا نۇتۇق سۆزلەيدۇ. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى 3 - قېتىم بېيجىڭنى مەخپىي زىيارەت قىلدى
- دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بېيجىڭدىن دارامسالاغا قايتتى
- ئانالىزچىلار دالاي لاما ۋەكىللىرىنىڭ خىتايدىكى زىيارىتىدىن ئۈمىد كۈتمەكتە
- ئۈچ نەپەر تىبەتلىك مۇستەقىللىقنى تەرغىپ قىلىش گۇمانى بىلەن تۈرمىگە تاشلاندى
- دالاي لاما كوستارىكانى زىيارەت قىلدى
- بېيجىڭ تەيىنلىگەن بەنچەن لاما كوممۇنىستىك پارتىيىنى مەدھىيىلىدى
- خىتاي كېچىككەن بولسىمۇ، تىبەتنىڭ پايتەختىنىڭ ئەنئەنىۋى خاراكتېرىنى قوغداشقا تىرىشىۋاتىدۇ
- خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتتە تېررورچىلىققا قارشى ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ باردى
- خىتاي ساقچىلىرى ، ئىككى مۇخبىر ۋە ئىككى چەتئەللىك تىبەت پائالىيەتچىسىنى قولغا ئالدى