دالاي لاما ئامېرىكا زىيارىتىدە پرېزىدېنت بۇش بىلەن كۆرۈشۈشى مۇمكىن

باش شتابى ۋاشىنگتوندىكى " خەلقئارا تىبەتكە ياردەم بېرىش ھەرىكىتى" نىڭ چارشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاما كىلەر ئايدا ئامېرىكىغا قىلىدىغان زىيارىتىدە، پرېزىدېنت جورج بۇش بىلەن كۆرۈشۈشى مۇمكىن.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دالاي لاما 8 - نويابىر كۈنى ۋاشىنگتونغا قىلىدىغان 10 كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلايدىغان بولۇپ، ئۇ ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈشى مۇمكىن ئىكەن.

پرېزىدېنت جورج بۇش 2001 -يىلى خىتاينىڭ قەتئىي قارشىلىقىغا قارىماستىن، دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ئىدى. ئۇ شۇنداقلا خىتاينى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىرغان.

خەلقئارا تىبەتكە ياردەم بېرىش ھەرىكىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دالاي لامانىڭ بۇ قېتىمقى ئامېرىكا زىيارىتى " ئىنتايىن ھالقىلىق" پەيتتە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، " تىبەت خەلقى ئۈچۈن تارىخىي بىر پۇرسەت" ھېسابلىنىدىكەن.

ئۇلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل 7 - ئايدا، ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەرنىڭ بېسىمى ئاستىدا خىتاي ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى دالاي لاما ئەلچىلىرى بىلەن شىۋىتسارىيىنىڭ پايتەختى بېرن شەھىرىدە تۈنجى قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. بۇ ئىككى تەرەپنىڭ تۆتىنچى قېتىمقى ئۇچرۇشۇشى بولسىمۇ، ئۈچۈنچى دۆلەتتىكى تۈنجى ئۇچرۇشۇشى ئىدى.

دالاي لاما بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر يىغىلىشتا يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كۆرەشلىرىگىمۇ ئالاھىدە باھا بېرىدىغان بولۇپ، ئۇ قېتىمقى يىغىلىشقا ئاتاقلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىممۇ قىممەتلىك مېھمان سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنغان. (ئارزۇ)