خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرى، ھازىرقى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي رەھبىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارنىڭ بېيجىڭ سىياسىتىنى تېخىمۇ قاتتىق ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
چىڭخەيدىن كەلگەن خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتنىڭ دىنىي داھىسىدىن، ئۆزلىرى تاللاپ بېكىتكەن بەنچەن لامانى قوللاشنى ئالاھىدە تەلەپ قىلغان، بەنچەن لاما تىبەت بۇددا دىنىدىكى ئىككىنچى شەخس ھېسابلىنىدۇ.
چىڭخەيدە ئېلىپ بېرىلغان مەخسۇس ئۇچرۇشۇشتىن ئىلگىرى، يەنى بۇ يىل 9 - ئايدا دالاي لامانىڭ ئالاھىدە ۋەكىللەر ئۆمىكى تىبەتتە زىيارەتتە بولغان ئىدى. دالاي لاما خىتاي تەرىپىدىن بۆلگۈنچىلەرنىڭ رەھبىرى دەپ قارالغاندىن بۇيان، ئۇ بەلگىلىگەن بەنچەن لاما بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ياشىماقتا. (ئەقىدە)