خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتى يېقىندا خىتاينىڭ سابىق دۆلەت باشلىقى جاڭ زېمىن بىلەن سابىق باش مىنىستىرى لى پېڭلارنى تىبەت پۇقرالىرىغا قارشى ئىرقىي تازىلاش جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، ئىسپانىيە ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغاندىن كېيىن، سوت مەھكىمىسى داۋاگەرلەرنىڭ ئەرزىنامىسىنى قوبۇل قىلدى.
خىتاي پۇقرالىرىنىڭ فالۇنگوڭ مەزھىپى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسپانىيە ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەرزىنامىنى كۆرۈپ چىقىشقا ماقۇل بولغانلىقىنى ماختىدى. فالۇنگوڭ مەزھىپىنىڭ باياناتىدا، " ئىسپانىيە ئەدلىيەسىنىڭ جەسۇرانە ۋە تارىخىي قارارىنى قوللايمىز. بۇ ئەدلىيە سېستىمىسىنىڭ ئومۇمىيلىقى ۋە ئېرقىي تازىلاشقا ئۇچرىغۇچىلارنى ئېتىراپ قىلىش يولىدىكى تۇنجى قەدەم " شۇنىڭ بىلەن بىرگە " تىبەتتە ئەركىن، تىنچ ۋە بىگۇناھ پۇقرالارغا قارشى ئىنسانلىققا خىلاپ ئېغىر جىنايەتلەر سادىر قىلىندى " دەپ تەكىتلىگەن.
خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتىنىڭ ئىسپانىيە كومىتېتى جاڭ زېمىن ۋە لى پېڭلار ئۈستىدىن سوت مەھكىمىسىگە يوللىغان ئەرزىنامىسىدە، " تىبەت پۇقرالىرىغا قارشى ئېرقىي تازىلاش، ئىنسانلىققا قارشى تۇرۇش، تەن جازاسى ۋە تېررورلۇق ئېلىپ بېرىلدى" دەيدۇ. ئىسپانىيە سوت مەھكىمىسى ئىلگىرى داۋاگەرلەرنىڭ تۇنجى ئەرزىنى " ۋەقە ئىسپانىيە پۇقرالىرىغا چېتىلمىغانلىقى" سەۋەبىدىن رەت قىلغان. ئەمما بۇ قېتىم ئەدلىيىنىڭ ئۇنىۋېرسالللىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئېرقىي تازىلاش، ئىنسانلىققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق جىنايەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغانلىقى پرىنسپى بويىچە ئەرزىنامىنى كۆرۈپ چىقىشقا ماقۇل بولدى. (ئەركىن)
