خىتاي دائىرىلىرى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، تىبەتتە ئېتنىك تازىلاش ئېلىپ بارغانلىقىنى رەت قىلدى ۋە تىبەت كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىسپانىيىدە خىتاي دائىرىلىرى تىبەتتە ئېتنىك تازىلاش ئېلىپ بارغانلىقى ئۈستىدىن سوت مەھكىمىسىگە داۋا ئاچقانلىقىنى "پۈتۈنلەي ئويدۇرما " دەپ ئەيىبلىدى.
ئىسپانىيىنىڭ دۆلەتلىك سوت مەھكىمىسى دۈشەنبە كۈنى مەركىزى مادرىتتىكى تىبەتنى ھىمايە قىلىش جەمئىيىتىنىڭ " ئېتنىك تازىلاش"ھەققىدىكى ئەرزنامىسىنى كۆرۈپ چىقىشقا باشلىدى. بۇ تەشكىلات ئىسپانىيە قانۇنى بويىچە ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن دىلولارنى باشقا دۆلەتلەردە سادىر قىلغان بولسىمۇ، ئىسپانىيە سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىش مۇمكىنچىلىكىدىن پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى جاڭ زېمىن، سابىق باش مىنىستىر لى پېڭ ۋە تىبەتتىكى 5 نەپەرھەربىي ۋە بىخەتەرلىك ئەمەلدارى ئۈستىدىن داۋا ئاچقان. داۋاگەر تەشكىلات، خىتاي دائىرىلىرى تىبەتنى بېسىۋالغان 1951- يىلىدىن بېرى بىر مىليوندىن ئارتۇق تىبەتلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە ئىز دېرەكسىز يوقالغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
داۋاگەرلەر ، جاڭ زېمىن قاتارلىق جاۋابكارلارنى دۆلەت تېررورى، تەن جازاسى ۋە ئىنساندارچىلىققا قارشى تۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن. سوت مەھكىمىسى دىلونى كۆرۈپ چىقىش جەريانىدا گۇۋاھچىلارنى سوت مەھكىمىسىدە گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىرىشى مۇمكىن. لېكىن بۇ ، خىتاي دائىرىلىرىنى غەزەپلەندۈرمەكتە. بۇ ھەقتىكى باياناتىدا " بىز مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ دالاي گۇرۇھى ۋە ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئېنىق چۈشىنىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز " دەپ تەكىتلىگەن ليۇ جيەنچاۋ، " شۇنداقلا بىز ئۇلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك پائالىيىتىگە پۇرسەت ۋە مەيدان يارىتىپ بېرىلمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز" دەيدۇ. داۋاگەرلەر تەرىپىدىن "ئېتنىك تازىلاش" جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپچىلىكى ھازىر پىنسىيىدە ياشىماقتا. (ئەركىن)
