گېرمانىيە دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما كېلەر ھەپتە گېرمانىيىدە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىدە گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ ئايرىم كۆرۈشۈشىگە مۇيەسسەر بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر كۆرۈشۈش توسالغۇسىز ئەمەلگە ئاشسا، بۇ تىبەت روھانى داھىسى ئۈچۈن مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر ئۇچرىشىش بولىدۇ.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئانگېلا مېركېلنىڭ باياناتچىسى، دالاي لامانىڭ 23 - سېنتەبىر كۈنى تۇنجى قېتىم گېرمانىيە باش مىنىستىرى بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى ئۇلرىخ ۋېلھېم، ئەگەر بۇ كۆرۈشۈش خىتاينىڭ غەزىپىنى قوزغىسا، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا قايتۇرىدىغان ئىنكاسىنى سورىغان مۇخبىرغا، بېيجىڭ گېرمانىيىنىڭ تىبەت مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى بىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ، " تىبەتكە مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىلىرىنى بىز دائىم خىتاي تەرەپكە يەتكۈزۈپ تۇرۇۋاتىمىز. بولۇپمۇ خىتاي - گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ۋە خىتاي - ياۋروپا ئىتتىپاقى كىشىلىك ھوقۇقى سۆھبەتلىرىدە بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتىمىز " دەيدۇ.
دالاي لاما، مەقسىدى تىبەتنىڭ مەدەنىيەت ۋە دىنىي جەھەتتىكى ئالىي ئاپتونومىيىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى قايتا - قايتا تەكىتلىسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى " بۆلگۈنچىلىك" قىلىش بىلەن ئەيىبلىمەكتە.
بۇ يىل 5 - ئايدا 6 - نۆۋەتلىك خىتاي - تىبەت سۆھبىتى بېيجىڭدا نەتىجىسىز ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت ئاپتونوم رايونىدا دالاي لامانىڭ تەسىرىنى تازىلاش ھەرىكىتى قوزغىدى. دالاي لاما گېرمانىيىنى ئاخىرقى قېتىم بۇ يىل 6 - ئايدا زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇ بۇ زىيارىتىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن ھامبۇرگدا ئۇچراشقان ئىدى. دالاي لاما ئۆتكەن ھەپتە ئىسپانىيە زىيارىتىنى باشلىغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىسپانىيە دائىرىلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. (ئەركىن)