30 - مارت كۈنى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شتېيىنمەر رەسمىي تۈردە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل خانىمنىڭ 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مېركېل خانىمدىن باشقا يەنە گېرمانىيىنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىچكى سىياسىي ئىشلار مىنىستىرىمۇ بۇ مۇراسىمغا قاتناشمايدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىنىڭ بەلكى قاتناشمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما تېخى رەسمىي جاكارلانمىدى.
ئەمما، يەكشەنبە كۈنى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ لائوسنىڭ پايتەختىدە خوڭكوڭ مۇخبىرلىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە دالاي لاما مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ، " جۇڭگونىڭ دالاي لاما بىلەن سۆزلىشىش ئىشىكى باشتىن - ئاخىرى ئوچۇق" دېگەن. ئۇ، يەنە سۆزىدە ئەگەر دالاي لاما مۇستەقىللىق تەشەببۇسىنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭغا كۆرسىتىلىۋاتقان بېسىملارنى تاشلىسا، ھازىر تىبەتتە كۆرۈلۈۋاتقان زوراۋان پائالىيەتلەرنى توختاتسا، تىبەت ۋە تەيۋەننىڭ جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلسىلا، بىز ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشنى ئەسلىگە كەلتۈرىمىز ۋە داۋاملاشتۇرىمىز" دەپ تەكىتلىگەن.
دالاي لاما بىلەن سۆزلىشىش مەسىلىسىنى ئامېرىكا ۋە غەرب رەھبەرلىرى ئىزچىل تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ھەتتا دالاي لامامۇ مۇستەقىللىقتىن ۋاز كېچىپ، تىبەتنى خىتاينىڭ ئالىي ئاپتونومىيىسى قىلىشقا رازى بولغان، ئەمما بېيجىڭنىڭ تىبەتكە ئالىي مۇختارىيەت بەرسە، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بۇنىڭدىن تەلەپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، بۇ قەدەمنى باسمىغانلىقى تەھلىل قىلىنماقتا. (ئۈمىدۋار)