خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتىكى ئېگىز قار -مۇز چوقىلىرىنىڭ يېقىنقى بەش يىل ئىچىدە %18 ئى ئېرىپ تۈگىگەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە بۇنىڭغا يەر شارى ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى سەۋەبچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، تەتقىقاتچىلار قار-مۇزلارنىڭ ئېرىش سۈرئىتى ئەڭ كۆرۈنەرلىك جايلار ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەت ئىكەنلىكىنى بايقىغان. تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكى خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى دىڭ يوڭجيەن، مۇز قاتلىمىدىكى ئۆزگىرىش خىتاي مۇھىت مەسىلىسىدە دۇچ كېلىۋاتقان بېسىمنىڭ بىر ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ،" يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى بۇ رايونلاردا يېقىنقى بىر قانچە ئون يىلدىن بېرى تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مۇزلۇقلار ۋە توڭ يەرلەرنىڭ ئېرىشىنى شۇنداقلا قۇرغاقچىلىقنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەبچى بولماقتا،" دەيدۇ. لېكىن، يەنە بەزى مۇتەخەسسىسلەر تاغ ساياھەتچىلىكى، پىلانسىز مەدەن قېزىش، يايلاقلارنىڭ ۋەيران قىلىنىشى، كۆچمەنلەرنىڭ پائالىيىتى قاتارلىقلار ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتىكى قار - مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرى، دەپ كۆرسەتمەكتە.
خىتاي كېلەر يىلى ھاۋاغا كاربون دىئوكسىد گازىنى ئەڭ كۆپ قويۇپ بېرىدىغان دۆلەتكە ئايلىنىدىغان بولۇپ، ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كېرەكسىز گازنى تېزگىنلەش ھەققىدىكى كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە. ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇز قاتلاملىرىنىڭ ئېرىش مەسىلىسىدە يەرلىك دائىرىلەر بىلەن خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ كۆز قارىشى بىر - بىرىگە زىت بولۇپ، خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىكى تەتقىقاتچىلار بۇرۇن ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇز چوققىلارنىڭ 100 يىل ئىچىدە پۈتۈنلەي ئېرىپ تۈگەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك گېئولوگىيە دائىرىلىرى رايوندىكى مۇز قاتلىمىنىڭ 100 يىلدا ئېرىمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. (ئەركىن)