ھىندىستان ساقچىلىرى يۈزلىگەن تىبەتلىكنى قولغا ئالدى


2008.03.13

ھىندىستان ساقچىلىرى پەيشەنبە كۈنى، ھىندىستاننىڭ شىمالىدا، ئولىمپىك مۇراسىمىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن 130 نەپەر تىبەتلىكنى قولغا ئالدى.

ھىندىستاندا سۈرگۈندە ياشاۋاتقان تىبەتلىكلەر، " تىبەتكە يۈرۈش قىلىش" پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق خىتاينىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشكە مۇناسىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەشنى پىلانلىغان بولۇپ، ھىندىستان دائىرىلىرى تىبەتلىكلەرنىڭ مەزكۈر ھەرىكىتىنى چەكلىدى.

ھىندىستان ساقچى دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى، دېرا كەنتىدە يولغا چىقىشقا تەييارلىنىۋاتقان تىبەتلەرنى توساپ قالغاندىن سىرت، ئۇلارنى ماشىنىغا بېسىپ ئېلىپ كەتكەن.

نەق مەيداننى كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، تىبەتلەر " تىبەتكە ئەركىنلىك" دېگەن شۇئارلارنى توۋلاپ، ساقچىلارغا قارشىلىق بىلدۈرگەن. نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر يەنە، ھىندىستان ساقچىلىرىنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ بۇ پائالىيىتىنى ھەرگىز توختىتىپ قويمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تىبەتكە يۈرۈش قىلىش نارازىلىق ھەرىكىتى بىردەك ئېلىپ بېرىلدى. بۇ ئارىدا خىتاي ھۆكۈمىتى 300 نەپەر لامانىڭ لخاسادا نامايىش ئۆتكۈزۈشكە ئۇرۇنغانلىقىنى شۇنىڭدەك 60 ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى رەسمىيلەشتۈرگەن ئىدى.

تىبەتلىك سىياسىي پائالىيەتچىلەر، تىبەتلىكلەرنىڭ ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن نارازىلىق پائالىيەتلىرىنىڭ ھەر قايسى دېموكراتىك ئەللەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى، بىراق ھىندىستاننىڭ، خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن تېنچلىق يوسۇندا يۈرۈش قىلغان تىبەتلەرنى باستۇرۇش قىلمىشىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەت ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.