خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، سەيشەنبە كۈنى بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھارپىسىدا، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ خىتايدىكى ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىگە خىتاي جەمئىيىتىنى ئىتتىپاقلىق ئىچىدە ياشاۋاتقان ئىناق بىر جەمئىيەت قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى قاتتىق باستۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
باياناتىدا، 2008 - يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ خىتايدىكى ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش مەسىلىسىدە ھېچقانداق تەسىرى بولمايدىغانلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى تەكىتلىگەن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى شۇنىڭدەك خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئوچۇق - ئاشكارا تەنقىد قىلىشقا چاقىردى.
باياناتتا، " ئەگەر خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى، چەت دۆلەت رەھبەرلىرى شۇنىڭدەك خىتايدىكى چەتئەل شىركەتلىرى، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىلىكىگە قارشى چىقمىسا، بۇ مەسىلىدە خىتاينىڭ شىرىكى ھېسابلىنىپ قىلىشى مۇمكىن" دېيىلگەن.
لېكىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جياڭ يۈ، سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خىتايغا قارشى پوزىتسىيىدە، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ تەشكىلاتنىڭ قانداق دوكلات ئېلان قىلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن" دېگەن. (ئۆمەر قانات)