تىبەت مەركىزى لخاسادىكى نامايىش توقۇنۇشقا ئايلاندى


2008.03.14

تىبەت مەركىزى لخاسادا بىرقانچە كۈندىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان نامايىش جۈمە كۈنى توقۇنۇشقا ئايلانغان. ئەڭ يېڭى خەۋەرلەردە غەزەپلەنگەن نامايىشچىلارنىڭ ساقچى ماشىنا ۋە سودا دۇكانلىرىغا ئوت قويغانلىقىنى بىلدۈردى. ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر لخاسا شەھىرىدە ئوق ئاۋازى ئاڭلانغانلىقى، 2 نەپەر نامايىشچى لامانىڭ نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولغانلىقى ۋە بىر قانچە يۈز يەرلىك ئاممىنىڭ نامايىشقا قوشۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

لخاسادىكى بىر دوختۇرخانىنىڭ خادىمى، ئون نەچچە يارىدارنىڭ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانىسى ئامېرىكا پۇقرالىرىغا چىقارغان ساياھەت ئۇقتۇرۇشىدا ئەسكەرتىشىچە، " ئەلچىخانا لخاسادىكى بىر ئامېرىكا پۇقراسىنىڭ نەق مەيداندىن بەرگەن خەۋىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغان، بەزىلەر ئوق ئاۋازى ئاڭلىغان ۋە زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرى بايقالغان."

لخاسادىكى نامايىش دۈشەنبە كۈنى لامالارنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتىدىن باشلانغان بولۇپ، نارازىلىق ھەرىكىتى ناھايىتى تېزلا لخاسا ئەتراپىدىكى ئىبادەتخانىلارغا كېڭەيگەن، پەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ يەرلىك پۇقرالار لامالارغا ھەمدەمدە بولدى. لخاسا شەھىرىدىكى سېرا ئىبادەتخانىسىنىڭ لامالىرى بولسا ئاچلىق ئېلان قىلغان.

لخاسادىكى نامايىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسى پەلۇسى، خىتاي دائىرىلىرىنى تىبەت نامايىشچىلىرىنى باستۇرۇش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.

جۈمە كۈنى كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى خىتاي دائىرىلىرىنى ئەيىبلەپ، تىبەت پۇقرالىرىنىڭ نامايىش قىلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىنىشىنى ۋە تىبەت نامايىشچىلىرىنىڭ باستۇرۇلۇشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. خەۋەرلەردە خىتاي ساقچى قىسىملىرىنىڭ لخاسادىكى مەركىزى كوچىلارنى قامال قىلىپ، چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ تىبەتكە كىرىشى چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.