لخاسا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى 21 نەپەر تىبەتلىك ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى ئېلان قىلدى
خىتاينىڭ تىبەتتىكى نامايىشنى باستۇرۇش ھەرىكىتى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان بىر مەزگىلدە، لخاسا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى 21 نەپەر تىبەت پۇقراسى ۋە لاما ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى ئېلان قىلىپ، بۇ كىشىلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
دائىرىلەر 21 نەپەر كىشىنىڭ ئىچىدىن 14 كىشىنىڭ رەسىمىنى ئېلان قىلغان ۋە بۇ كىشىلەرنىڭ لخاسادىكى ئىسيان جەريانىدا ئۇرۇش، چېقىش ۋە ئوت قويۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ھازىرغا قەدەر ئىسيانغا قاتناشقان 170 نەپەر تىبەتلىكنىڭ ھۆكۈمەتكە تەسلىم بولغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىسيانغا قاتناشقان تىبەتلەرگە ئۆزىنى مەلۇم قىلىش توغرىسىدا ئۇلتىماتۇم ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنى مەلۇم قىلغۇچىلارنىڭ قانداق مۇئامىلىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن ئىدى.
دائىرىلەر پەيشەنبە كۈنى ساقچىلارنىڭ سىچۈەندە ئابا رايونىدىكى نامايىشچىلارغا ئوق چىقارغانلىقىنى ۋە نامايىشنىڭ تىبەتكە خوشنا ئۆلكىلەردىكى تىبەت رايونلىرىغا يېيىلغانلىقىنى ئىقرار قىلدى. خەۋەرلەردە خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت ۋە تىبەتكە خوشنا ئۆلكىلەردىكى تىبەت رايونلىرىغا قوشۇن يۆتكەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بىتەرەپ كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تىبەتتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتكە يېڭى ھەربىي قىسىملار ئورۇنلاشتۇرماقتا
- غەرب ئەللىرى خىتاينى لخاسادىكى توقۇنۇشتا خىتاينى كۈچ ئىشلەتمەسلىككە چاقىردى
- تىبەتلىكلەر نيۇيوركتا بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قارشى نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئېلىپ باردى
- خىتاي ھۆكۈمىتى لخاسادا تىبەتلەرنىڭ نامايىشىنى باستۇرغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى
- خىتاي دائىرىلىرى ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان تىبەتلەرنى باستۇرۇپ تىنجىتقان
- خىتاي دالاي لامانى "دىنىي توقۇنۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلدى" دەپ ئەيىبلىدى
- تىبەتلەر بىلەن خىتاي ئامانلىق قىسىملىرى چىڭخەيدە توقۇنۇشتى