خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتتە تېررورچىلىققا قارشى ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ باردى

خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتنىڭ مەركىزى لاسادا تېررورچىلىققا قارشى ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇۋانى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ھەربىي مانېۋىر يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن.

ئۈچ سائەتچە داۋاملاشقان مانېۋىرغا ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىلىرى، ساقچىلار، ھەربىيلەر ۋە خەلق ئەسكەرلىرى بىرلىكتە قاتناشقان. ئۇلار بۇ جەرياندا پارتلىتىشقا، ئايروپىلان ۋە ماشىنىلارنى بۇلاش ۋەقەلىرىگە ۋە بىئو-خىمىيىلىك ھۇجۇملارغا قارشى تۇرۇش، شۇنداقلا تېررورچىلارغا قورشاپ زەربە بېرىش تېخنىكىلىرىنى مەشىق قىلغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مانېۋىرنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ،» خەلقئارادا تېررورلۇق ۋەقەلەر كۆپ يۈز بەرمەكتە. بىز بۇ مانېۋىر ئارقىلىق تىبەت رايونىنىڭ تېررورلۇق ھوجۇملارغا قارشى ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى مۆلچەرلىمەكچى« دەپ كۆرسەتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ھەربىي مانېۋىرنى ئېلىپ بارغان ۋاقتى دەل سۈرگۈندىكى تىبەتلەرنىڭ دىنىي داھىيسى دالاي لاما بېيجىڭغا ئىككى نەپەر ئالاھىدە ئەلچىسىنى ئەۋەتكەن مەزگىلگە توغرا كېلىدۇ. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى كۆرەشنى باھانە قىلىپ، تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىگە بولغان كونتروللۇقىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا. (ئارزۇ)