رىچارد گىپېر ۋە دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى ئامېرىكىدىن تىبەت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا ياردەم تەلەپ قىلدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 13- مارت ۋاشىنگىتوندىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا ، بۈگۈن داڭلىق ئارتىس رىچارد گىپېر ۋە دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى ۋاشىنگىتونغا يىغىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسىدىن تىبەتنىڭ ئالىي مۇختارىيەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئشلىرىغا ياردەم بېرىشىنى ئۆتۈندى.

خىتاي بۇرۇن تىبەت مەسىلىسىنى دىئالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىش توغرىسدا ۋەدە بەرگەن. خىتاي بىلەن دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى 2002- يىلى رەسمىي ئالاقىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ۋە شۇندىن بۇيان 5 قېتىم رەسمىي ئۇچراشقان. خىتاي دالاي لامانى يوشۇرۇن ھالدا تىبەتنى مۇستەقىل قىلىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىگەن.

مۇئاۋىن دۆلەت كاتىپى،ئامېرىكىنىڭ تىبەت مەسىلىلىرى بۇيىچە ئالاھىدە ياراشتۇرغۇچىسى پائۇلا دوبرىئانىسكينىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاي بىلەن ئېلىپ بېرىلغان دىئالوگلار ھېچقانداق ئۈنۈم بەرمىگەن. ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىپادىسىدىن خىتاينىڭ سوھىبەتلەرگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلمىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئۇزۇندىن بۇيان تىبەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ھىمايە قىلغۇچى رىچارد گىپېر بۈگۈن، ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسىنى، خىتاينىڭ دۇنياۋى ئىناۋەت تىكلىشىدە تىبەتلەرنىڭ مەدەنىي ۋە روھىي مەۋجۇتلۇقىنىڭ ھالقىلىق ئامىل ئىكەنلىكىنى خىتايغا تونۇتۇشقا چاقىردى.

دالاي لامانىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى لودى گىيارى مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ئەگەر ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەيلى بولسا، خىتاي بىلەن تىبەت ئارىسىدىكى دەتالاشنىڭ ھەل بولىدىغان پۇرسىتى چوقۇم كىلىدۇ. (جۈمە)