خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى مۇخبىرلار ئۆمىكى تەشكىللەپ تىبەتكە ئەۋەتتى


2008.03.26

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 25 ‏- مارت كۈنى جەنۋەدىن خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئاسىيادا ھۆكۈمەتكە بېقىنمايدىغان 65 تەشكىلات بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى تىبەت مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمىدى، دەپ تەنقىد قىلىپ، تىبەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن خەلقئارالىق ئۆمەك ئەۋەتىشنى جىددىي تەلەپ قىلغان ئىدى.

ب ب س نىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتاي دۆلەت كابىنىتى ئۇچۇر ئىشخانىسى بۈگۈن تىبەتتە يۈز بەرگەن ۋەقەنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن بىر مۇخبىرلار ئۆمىكى تەشكىللەپ لخاساغا ئەۋەتكەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ مۇخبىرلار ئۆمىكى لخاساغا بېرىپ ئۈچ كۈن ئىچىدە 'دالاي گۇرۇھىنىڭ قانۇنسىز ئۇنسۇرلىرى سادىر قىلغان ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، ئوت قويۇش ھەرىكىتىنىڭ دەلىل -ئىسپاتلىرى 'نى ۋە قاچاقتىكى قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنى ئاختۇرۇش، تۇتۇش، باستۇرۇش ئەھۋالىنى كۆرۈپ كېلىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى تەشكىللىگەن بۇ مۇخبىرلار ئۆمىكىنى 'چەتئەل ئۇچۇر ۋاستىلىرى' دەپ جاكارلىغان.

خەۋەردە بايان قىلىشىنىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئويۇشتۇرغان بۇ 'مۇخبىرلار ئۆمىكى' گە تەكلىپ قىلىنغان 30 نەپەر مۇخبىر ئاساسەن خوڭكوڭدىكى سىمسىز تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، سۇمرۇق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، مىڭپاۋ گېزىتى، جەنۇبىي خىتاي سەھەرلىك گېزىتى، ۋىنخۇي گېزىتىئىدىن ئىبارەت 5 ئورۇندىن؛ تەيۋەندىكى مەركىزى ئاگېنتلىقى، دۇڭسېن خەۋەرلىرى، بىرلەشمە خەۋەر گېزىتىدىن ئىبارەت 3 ئورۇندىن تاللاپ تەكلىپ قىلىنغان مۇخبىرلار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە يېرىم ئارال تېلېۋىزىيىسى، نھك قاتارلىق 9 ئورۇندىن تەكلىپ قىلىنغان بىر نەچچە كىشىمۇ بار. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب ب س قاتارلىق ئەركىن، مۇستەقىل ئۇچۇر ۋاستىلىرىنى بۇ ئۆمەككە تەكلىپ قىلمىغانلىقى خەلقئارادا ئۆزگىچە ئىنكاس پەيدا قىلدى. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.