تىبەتلىك نامايىشچىلارنىڭ ھىندىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا سۇقۇنۇپ كىرىش ۋەقەسى يۈز بەردى

بىر گۇرۇپپا تىبەتلىك نامايىشچى سەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي لامانىڭ مۇرىتلىرىنى باستۇرغانلىقىغا قارشى يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ قورۇسىغىچە سۇقۇنۇپ كىردى.

ساقچىلار ۋە ئەلچىخانىنىڭ ئامانلىق قوغداش خادىملىرى نامايىشچىلارنى ئەلچىخانا قوراسىدىن قوغلاپ چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما نامايىشچىلار ئەلچىخانا قوراسىدا تىبەت بايرىقىنى چىقارغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى شۇئار توۋلىغان. بۇ جەرياندا تىبەت ياشلار قۇرۇلتىيىنىڭ بەزى ئەزالىرى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تۆمۈر رىشاتكىسىغا ئۆزىنى زەنجىر بىلەن باغلىغان بولۇپ، ساقچىلار زەنجىرنى كېسىپ تىبەت ياشلىرىنى ئەلچىخانىدىن يىراقلاشتۇرغان.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرقىلىشىچە، 30 دەك نامايىشچىدىن 8 سەككىز كىشى ئەلچىخانا قوراسىغا سۇقۇنۇپ كىرگەن. نامايىشچىلار، تىبەت ئىبادەتخانىلىرىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەلىم- تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش توختىتىلسۇن،" " تىبەتلەرگە ئەركىنلىك" " تىبەتلەرنى ئۆلتۈرۈش توختىتىلسۇن،" دېگەن شوئارلارنى توۋلىدى.

تىبەت كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە مەركىزىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن ھەپتە لخاسانىڭ درېپۇڭ ئىبادەتخانىسىدىكى دالاي لاماغا بەيئەت قىلغان بەش نەپەر راھىب خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن سېكرىتارى جاڭ چىڭلىنى تىبەت پارتكومىنىڭ سېكرىتارى قىلىپ يۆتكىگەن ئىدى. (ئەركىن)