ھىندىستاندا ياشايدىغان سۈرگۈندىكى تىبەتلەر خىتايغا قارشى نامايىش قىلدى


2007.01.26

ھىندىستاننىڭ دارامسالا رايونىدا ياشايدىغان سۈرگۈندىكى نەچچە يۈز كىشىلىك تىبەت مۇساپىرلىرى جۈمە كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان خىتاي تۈرمىدىكى تىبەت لاماسى تەنزىن دېلەگ رېنپوچىنىڭ قويۇپ بېرىلىشنى تەلەپ قىلدى.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرقىلىشىچە، تىبەتلىك نامايىشچىلار كىشىلەرگە تەنزىن رېنپوچىنىڭ رەسىمىنى تارقاتقان ۋە رېنپوچىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان.

نامايىشچىلارنىڭ مۇخبىرلارغا ئەسكەرتىشىچە، بۇ قېتىمقى نامايىش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتىكى زوراۋانلىقىنى پاش قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئۇلار رېنپوچىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ توپلانغان ئىمزانىڭ ب د ت غا يېتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ يىل 56 ياشلاردىكى تەنزىن دىلەگ رېنپوچى ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى 2002- يىلى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئايرىم - ئايرىم ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇلغان. خىتاي دائىرىلىرى بۇ 2 تىبەتلىك راھىبنى بىر كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر قاتار پارتىلتىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ باردى ۋە تىبەت مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلدى، دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. كېيىنچە خىتاي ئەدلىيە دائىرىلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمى ئاستىدا رېنپوچىغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتكەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.