تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن نامايىش قىلىپ تۇتۇلغانلار قويۇپ بېرىلدى

4‏- ئاينىڭ 25‏- كۈنى جۇمولاڭما چوققىسىغا چىقىدىغان تىبەت تەرەپتىكى يول ئېغىزىدا تىبەتكە مۇستەقىللىق نامايىشى ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئاۋال قولغا ئېلىنىپ، ئاندىن خىتايدىن قوغلاپ چىقىرىلغان 5 نەپەر ئامېرىكا پۇقراسى، شەنبە كۈنى تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرۇدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر ئامېرىكىلىقلارنى بىر نەچچە سائەت سوراق قىلغاندىن كېيىن، نېپالغا چىقىرىۋەتكەن.

خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن جۈمە كۈنى قويۇپ بېرىلگەن بەش كىشىنىڭ بىرى بولغان مەركىزى ئامېرىكىدىكى ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ" ئەزاسى شانون سەرۋىس، نېپالنىڭ پايتەختى كاتماندۇدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، دۇنيانىڭ پۈتۈن رايونلىرىدا تىبەت دەۋاسىنى قوللايدىغان ئادەملەر بار، بۇ بىزنىڭ پائالىيەتلىرىمىزنىڭ پەقەت باشلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. تىبەت ئەركىنلىككە ئېرىشكەنگە قەدەر بۇنداق تىنچلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەر ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ، دەپ تەكىتلىگەن.

بەش ئامېرىكا پۇقراسى چارشەنبە كۈنى جۇمولاڭما چوققىسىغا چىقىدىغان يول ئېغىزىدا ئېلىپ بارغان نامايىشتا، "تىبەتكە مۇستەقىللىق" دېگەن لوزۇڭكىلارنى كۆتۈرگەن ھەمدە تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي گىمنىسىنى ئوقۇغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنىدىكى نامايىش تۈپەيلىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە رەسمىي نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى تەلەپ قىلغان. (قانات)