تىبەتتە قىلىنغان نامايىش باستۇرۇلدى
2008.02.25
تىبەتنىڭ ئەمدو رايونىدا ئەنئەنىۋى بايرىمىنى تەبرىكلەۋاتقان تىبەتلىك ئامما بىلەن خىتاي ج خ تارماقلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن بولۇپ، نەتىجىدە خىتاي ساقچىلىرى 200 نەپەر تىبەتلىكنى قولغا ئالغان. ئەمما يەرلىك ھۆكۈمەت، پائالىيەتكە قاتنىشىۋاتقان جامائەتنىڭ بېسىمى ئاستىدا، قولغا ئېلىنغان بارلىق تىبەتلىكلەرنى قويۇپ بەرگەن بولسىمۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككى نەپەر تىبەتلىكنىڭ يارىسى ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان.
رادىئومىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، توقۇنۇش يۇز بەرگەندىن كىيىن خىتاينىڭ يەرلىك ھۆكۈمىتى مەزكۇر رايوندىكى دىنىي پائالىيەتنى دەرھال توختاتقان ۋە نۇرغۇنلىغان ج خ ساقچىلىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى نەق مەيدانغا ئەۋەتكەن.
ئەسلىدە بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۇددا روھانىيلىرى بولۇپ، ئۇلار مونلام چېنمو يەنى بۈيۈك تىلاۋەت بايرىمىدا ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىلاھقا سېغىنىش ئۇسۇلىنى ئويناۋاتقان بولۇپ، ساقچىلار بىلەن تىبەت ياشلىرى توقۇنۇشۇپ قىلىپ،نامايىش يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاي ساقچىلىرى ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئىشلىتىپ جامائەتنى تارقاقلاشتۇرغان.
ۋەقەنى كۆرگەن بىر گۇۋاھچىنىڭ ئېيتىشىچە، ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما يەرلىكلەرنىڭ ھەيۋە كۆرسىتىش ھەرىكىتى بېسىقمىغان بولۇپ، نامايىشچىلار تاش- كېسەك ۋە توقماقلارنى ئىشلىتىپ ساقچىلارغا قارشى تۇرغان. نەتىجىدە، نامايىشچىلار " تىبەتكە مۇستەقىللىق "، "دالاي لاما ياشىسۇن" دېگەنگە ئوخشاش شوئارلارنى توۋلاشقان ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يەتتە ئاپتوموبىلىنى ئۆرۈپ كۆيدۈرۈۋەتكەن.
يەرلىك ساقچى دائىرىلىرى بۇنداق بىر ۋەقەنىڭ يۇز بەرگەنلىكى ھەققىدە توختىلىشنى خالىمىغان بولسىمۇ، ئەمما يەرلىك ھۆكۈمەت بايانات ئېلان قىلىپ يەرلىك ياش تىبەتلەرنىڭ بۈيۈك تىلاۋەت بايرىمىدا نامايىش قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. نامايىش كەچقۇرۇن سائەت ئونلار ئەتراپىدا ئاران بېسىققان. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىككى نەپەر تىبەتلىك خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش يولى بىلەن ئىپادىلىدى
- سىچۈەننىڭ گەنزى رايونىدىكى لامالارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى دەخلىگە ئۇچرىماقتا
- خىتاينىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغان تىبەت گۈزىلى ئۆز مەنپەئەتىدىن ۋاز كەچتى
- گېرمانىيە باش مىنىستىرى دالاي لاما مەسىلىسىدە خىتايغا رەددىيە بەردى
- خىتاي، يېڭى ياسالغان تۆمۈر يولى ئارقىلىق تىبەتكە ئەسكەر ئەۋەتىشكە باشلىدى
- تىبەتتە كوممۇنىست پارتىيىدىن ئۈمىد ئۈزگەن كىشىلەر كۆپەيمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى تۆت نەپەر تىبەتنى سولاققا ئالدى
- تىبەت مالچى، ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەندى
- خىتاي تىبەت مۇساپىرلىرىغا ئوق چىقارغانلىقىنى رەت قىلدى
- خىتاي ئارمىيىسى نېپالغا قاچقان تىبەتلىكلەرنى يەنە ئوققا تۇتتى
- خىتاي ئامېرىكىنىڭ دالاي لاماغا ئالتۇن مېدال بېرىش قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى