نېپال ھۆكۈمىتى دالاي لامانىڭ مەزكۇر دۆلەتتىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنى تاقىدى


2005.01.30

نېپال ھۆكۈمىتى يېقىندا تىبەتنىڭ سۈرگۈندىكى دىنىي داھىسى دالاي لامانىڭ بۇ دۆلەتتە تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنى تاقىدى.

مەزكۇر ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مەسئولى ۋاڭچۇك سېرىڭنىڭ رادىئويىمىز تىبەت بۆلىمىگە بىلدۈرۈشىچە، نىپالنىڭ كاتماندو رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ قانۇن بويىچە تىزىمغا ئېلىنمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى دەرھال تاقاشقا بۇيرىغان.

ۋاڭچۇك سېرىڭ، نىپال ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى ئاستىدا چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، "نېپال ھۆكۈمىتى بىزنىڭ نۇرغۇن يىللاردىن بېرى بۇ يەردە مەۋجۈتلىقىمىزنى ئوبدان بىلىدۇ. بىزنىڭ ئىش بېجىرىش ئورنىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش نىيىتىمىز يوق ئەمەس، بەلكى مۇساپىر بولغانلىقىمىز ئۈچۈن نېپالدا ئۇنى قانۇنلۇق تىزىمغا ئالدۇرۇش ھوقۇقىمىز يوق" دەپ كۆرسەتكەن.

ئەمما نېپال ھۆكۈمىتى دالاي لامانىڭ نېپالدىكى ئىشخانىسىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بىلەن تاقىغانلىقىنى ئىنكار قىلدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دالاي لامانىڭ نېپالدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى 1959 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان نېپالغا قېچىپ چىققان تىبەت مۇساپىرلىرىغا ياردەم بېرىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھەر يىلى 3 مىڭدىن ئارتۇق تىبەت نېپالغا قېچىپ كېلىدىكەن. ئەگەر بۇ ئىش بېجىرىش ئورنى بولمىسا، بۇ تىبەتلەرنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن قىيىنلىشىدىكەن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.