نوبېل مۇكاپاتىنىڭ 26 نەپەر ئېرىشكۈچىسى خىتاينى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ئۈندىدى
2008.03.21
نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە 26 نەپەر زات پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى تىبەت روھانىي داھىيسى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى ۋە تىبەتتىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.
باياناتتا مۇنداق دەيدۇ، " خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت نامايىشچىلىرىنى باستۇرۇش ھەرىكىتىدىن ئازاپلىنىمىز ۋە ئۇنى ئەيىبلەيمىز." "بىز خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قورالسىز، تىنچ نامايىشچىلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىرىمىز."
باياناتنامىغا ئىمزا قويغۇچىلار ئىچىدە 2003 - يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن جەنۇبىي ئافرىقىلىق جون ماكسۋېل كوئېتزﯤ، 1986 -يىلقى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ لائۇرىياتى نېگىرىيىلىك يازغۇچى ۋولا سويىنكا ۋە 1986 - يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەللېي ۋېيزېل قاتارلىقلار بار.
ئۇلار يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دالاي لاماغا مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ، " خىتاي دائىرىلىرى قايتا-قايتا تەكىتلەۋاتقاننىڭ ئەكسىچە، دالاي لاما خىتايدىن ئايرىلىشنى ئەمەس، بەلكى مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلماقتا،" دەيدۇ. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- دالاي لاما : خۇ جىنتاۋ بىلەن سۆھبەتكە تەييارمەن
- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بىتەرەپ كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تىبەتتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى
- تىبەت مەسىلىسىدە خەلقئارا جامائەتنىڭ خىتايغا قاراتقان بېسىمى كۈچەيمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتكە يېڭى ھەربىي قىسىملار ئورۇنلاشتۇرماقتا
- تىبەتتە يۈز بەرگەن توقۇنۇشقا تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ كۆلەمدە يەر بېرىلدى
- خىتاي ساقچىلىرى تىبەتتە ئۆيمۇ - ئۆي ئاختۇرۇپ تۇتۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا
- دالاي لاما خەلقئارا جەمئىيەتنى تىبەت ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشكە چاقىردى
- خىتاي يېڭى رەھبەرلىك سىستېمىسىنى بېكىتى
- تىبەتتىكى توقۇنۇشلار كېڭەيمەكتە
- خەلقئارا جامائەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتلىك نامايىشچىلارنى باستۇرغانلىقىنى ئەيىبلىمەكتە
- غەرب ئەللىرى خىتاينى لخاسادىكى توقۇنۇشتا خىتاينى كۈچ ئىشلەتمەسلىككە چاقىردى
- تىبەت مەركىزى لخاسادىكى نامايىش توقۇنۇشقا ئايلاندى