خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا جوڭگو ئۈستىدىن شىكايەت قىلدى


2006.08.08

2008 - يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا 2 يىل قالغان كۈنى خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا خەت يېزىپ، مەزكۇر ئورگاننىڭ جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى ۋە جوڭگو دائىرىلىرىنىڭ تىبەت ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلىدى.

خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتى ئولىمپىك كومىتېتىغا يازغان خېتىدە، جوڭگو ھۆكۈمىتى خىتاي، تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان سىياسى مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشى كېرەك، دەپ يازغان. شۇ كۈنى بېيجىڭ ئولىمپىك كومىتېتى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ، ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق ئەھۋاللىرىنى تونۇشتۇردى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭ ئولىمپىك كومىتېتىتىنىڭ مۇئاۋىن ئىجرائىيە رەئىسى ۋاڭ ۋېي، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ليۇ جىخۇئانىڭ داۋاملىق تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي دائىرىلىرى ليۇ جىخۇئانى بۇ يىل 6 - ئايدا خىيانەتچىلىك بىلەن ئەيىبلەپ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئېلىپ بېرىپ سوراق قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. لېكىن ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قەيەردە سوراق قىلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە نېمىشكە بۇ رايوندا سوراق قىلىنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمىدى.

ليۇ جىخۇئا ئىلگىرى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئولىمپىك قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل شەھەر باشلىقى ئىدى. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا 2 يىل قالغان بولسىمۇ، لېكىن بېيجىڭ پۇقرالىرى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ھاۋا بۇلغىنىشى ۋە قاتناش زىچلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.