ئولىمپىك مەشئىلىنى قارشى ئېلىش پائالىيىتى ئېغىر بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلدى


2008.03.31

ئالدىنقى كۈنى گرېتسىيىنىڭ ئافىنا شەھىرىدە خىتاي ئولىمپىك تەشكىللەش كومىتېتىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ئولىمپىك مەشئىلى دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرىگە يەتكۈزۈلگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەشئەل بېيجىڭ ئايرودرومدىن تيەنئەنمېن مەيدانىغا يەتكۈزۈلگىچە خىتاي ساقچى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملىرى مەشئەل توشۇلىدىغان ئاساسلىق يولغا كىرىش ئېغىزلىرىدا ۋە كۆۋرۈكلەردە توسۇق قۇرۇپ بىخەتەرلىك تەدبىرلەرنى كۈچەيتكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى ئىككى مېترو بېكىتى تاقالغان ۋە نۇرغۇنلىغان ساقچىلار مېترو بېكەتلىرىدە قاراۋۇللۇققا تۇرغۇزۇلغاندىن باشقا، ساقچىلار ۋېلىسىپىت ۋە پىيادىلەر يولىنىمۇ تاقاپ يولۇچىلارنى پائالىيەت مەيدانىدىن بىر كىلومېتىر دائىرىدە توسۇپ قالغان.

دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە تيەنئەنمېن مەيدانىدا بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى قارشى ئېلىپ ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش مۇراسىمىدا خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋ سۆزگە چىققان ۋە ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ رەسىم باشلانغانلىقىنى جاكارلىغان.

مەشئەل خىتاي سىرتىدىكى 21 شەھەردە توختاپ ئۆتىدىغان بولۇپ، دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا بىر كۈن تۇرغاندىن كىيىن سەيشەنبە كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىگە يەتكۈزۈلىدۇ.

مۆلچەرلىنىشىچە، ئالمۇتا، ئىستانبۇل، ۋە سانپېتېربۇرگ شەھەرلىرىدە ئولىمپىك مەشئىلىگە ئەگىشىپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بېيجىڭ ئولىمپىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلماسلىقى مۇمكىن، ئەمما مەزكۇر مەشئەل لوندون، پارىژ ۋە سانفرانسسكو شەھەرلىرىگە كەلگەندە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە تىبەتنى ھىمايە قىلغۇچى تەشكىلاتلارنىڭ ئېغىر توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىشى مۇمكىن ئىكەن. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.