تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاما، بىر قانچە خىتاي شەھەرلىرى ۋە تىبەت ئارىسىدا ياسىلىۋاتقان تۆمۈر يولىنىڭ تىبەتكە قارىتىلغان "مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى" ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاما، بىر قانچە خىتاي شەھەرلىرى ۋە تىبەت ئارىسىدا ياسىلىۋاتقان تۆمۈر يولىنىڭ تىبەتكە قارىتىلغان "مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى" ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ تىبەتكە تۇتاشتۇرۇلىدىغان يېڭى تۆمۈر يولنىڭ تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى جەلپ قىلىپ، تىبەت مەدەنىيىتىنىڭ يوقۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ بۇ سۆزنى يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئايداخو شتاتىنى زىيارەت قىلغان مەزگىلىدە مۇخبىرلارغا ئېيتقان.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دالاي لاما " تىبەتتە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئەسلىدە تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى تەرەققىيات ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق بولسىمۇ بىراق، سىياسىي جەھەتتىن يەرلىكنىڭ مىللىي تەركىبىنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلغاندا، ئۇ پايدىلىق ئەمەس" دېدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بويان ، تىبەتتىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ سانى جىددىي ئېشىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە قۇرۇلۇش ساھەلىرىنى ئىگىلىگەن. تىبەتلەر بولسا كۆپىنچىسى ئەنئەنىۋىي دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن جان باقىدىكەن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، تىبەتلەرنىڭ باستۇرۇش ۋە مىللىي كەمسىتىشكە دۈچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتكە كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتى قوللىنىۋاتقانلىقىنى رەت قىلماقتا. (ئارزۇ)