باش شتابى ھىندىستاندىكى تىبەت كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە مەركىزى دۈشەنبە كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن سېنتەبىر ئېيىدا خىتاي- نېپال چېگرىسىدا خىتاي ئەسكەرلىرى ئوق چىقارغاندىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز يوق بولۇپ كەتكەن 32 تىبەتلىكنىڭ قايسى يەردە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ بېرىشى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلدى.
كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، خىتاي ئەسكەرلىرى 30-سېنتەبىر كۈنى خىتاي - نېپال چېگرىسىدا تىبەتتىن ھىندىستانغا قاچماقچى بولغان تىبەتلىك قاچقۇنلارنى ئوققا تۇتقان بولۇپ، ۋەقەدە ئىككى تىبەتلىك ئۆلگەن ۋە كۆپىنچىسى كىچىك بالىلاردىن تەشكىل تاپقان 32 تىبەتلىك ئىز-دېرەكسىز يوق بولۇپ كەتكەن ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى، خىتاي چېگرا قوغداش قىسىملىرىنىڭ ئاۋال تىبەتلىكلەرنى چېگرىدىن ئۆتمەسلىك توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى، تىبەتلىك قاچقۇنلار ئەسكەرلەرگە ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئوق چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ۋەقەگە شاھىت بولغان چەتئەللىك تاغچىلار تەرىپىدىن ئېلىنغان سىنئالغۇ لىنتىسى، خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ھېچقانداق ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەيلا تىبەتلىك قاچقۇنلارنى ئوققا تۇتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.
خىتاي چېگرا قوغداش قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان تىبەت قاچقۇنلارنىڭ 41 ئى 10- ئاينىڭ 22- كۈنى ساق سالامەت نېپال ئارقىلىق ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىگە يېتىپ كەلگەن.
تىبەت كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئۇرگان تەنزىن، بىزچە مەزكۇر 32 تىبەتلىك خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. شۇڭا ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز، دېدى. (قانات)
