تىبەت كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى 31 - يانۋار كۈنى، خىتاينىڭ، ياش ئۆسمۈر تىبەتلەرنى قېيىن - قىستاققا ئالماي دەرھال قويىۋىتىش ھەققىدە ياۋرۇپا ئەللىرىگە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
ھىندىستاننىڭ درامسالادىكى تىبەتلىكلەرنى كۈتىۋىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى دو جېنىڭ مەتبۇئاتلارغا، تېخى يېڭىلا خىتاي چېگرىسىدىن قېچىپ چىققان 15 ياشلىق تىبەتلىك ئۆسمۈر جا ياڭ زاپېڭ ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، ئۇنىڭ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ۋەھشى جازالىرىدىن قۇتۇلۇپ، ئۇزۇن مۇساپە ۋە قېيىنچىلىقلارنى بېسىش ئارقىلىق ساق - سالامەت ھىندىستانغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ يامان ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
جا ياڭ زاپىڭ، 2006 - يىلى 9 - ئايدا 75 نەپەر تىبەتلىك بىلەن بىرلىكتە قېچىشنى پىلانلاپ، تىبەت بىلەن نېپال چېگرىسى تۇتىشىدىغان جايدا خىتاي چېگرا ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلغان. ئۇلار ئارىسىدا ئىككى كىشىگە ئوق تېگىپ بىر تىبەتلىك راھىپ ئايال نەق مەيداندا جان ئۈزگەن. خىتاي ئەسكەرلىرى كۆپىنچىسى ياش - ئۆسمۈر ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 32 ئادەمنى تۇتۇۋالغان، قالغان 42 ئادەم ھىندىستانغا ساق - سالامەت يېتىپ بارغان.
جا ياڭ زاپىڭ ئۆزىنىڭ 49 كۈنلۈك قاماق ھاياتىنى سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن قاتتىق ئۇرۇلغانلىقىنى ۋە ئۆزىدىن كىچىك بالىلارنىڭمۇ قېيىن - قىستاققا ئېلىنىپ، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ 3 ئايغا يېقىن سولاپ قويۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
تىبەت ھەرىكىتىنى ھىمايە قىلغۇچى خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، ھەر يىلى 2 مىڭدىن 3 مىڭغىچە تىبەتلىك نېپال ئارقىلىق ھىندىستانغا قېچىپ بارىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئۈچتىن بىرى قۇرامىغا يەتمىگەن ياش - ئۆسمۈرلەر بولۇپ، ئۇلار خىتاي زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇش، تىبەتنىڭ درامسالادىكى تىبەت ھۆكۈمىتىدىن پاناھلىق ئىزدەش، تىبەتنىڭ دىنىي ۋە مەدەنيەت ئەنئەنىسىنى ئۆگىنىش بولۇپمۇ تىبەتنىڭ روھانىي داھىسى دالاي لاماغا بولغان ئېتىقادىنى بىلدۈرۈش مەقسەتلىرىدە تىبەتتىن قېچىپ چىقىدىكەن. (ئەقىدە)