قۇش زۇكىمى تىبەتتىمۇ بايقالدى


2005.08.11

پەيشەنبە كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك ئىدارىسى، قۇش زۇكىمى كېسەللىكىنىڭ تىبەتتىمۇ بايقالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى ئەتتىگەندە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق ۋە يېزائىگىلىك ئىدرائىسىنى مەزكۇر كېسەلىكنىڭ تىبەتنىڭ پايتەختى لاسادا ئوتتۇرىغا چىققانلىقىدىن خەۋەردار قىلغان.

ھازىرغىچە قۇش زۇكىمى كېسەللىكىدىن، خىتاينىڭ چىڭخەي ئۆلكىسىدە 6000 دىن ئارتۇق كۆچمەن قۇش ئۆلگەن. شۇنداقلا بۇ كېسەللىك ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ بايقالغان ئىدى. لېكىن رايوندىكى كىشىلەرگە تەسىر قىلمىغان.

سەھىيە مۇتەخەسسىسلىرى، قۇش زۇكىمى كېسەللىكى چىڭخەيدىكى كۈچمەن قۇشلار ئارقىلىق ھىندىستان، ئاۋسترالىيە ھەمدە ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە تارقىلىشى مۇمكىن دەپ ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. مۇتەخەسسىسلەر، قۇش زۇكىمى كېسەللىكىنىڭ كىشلەردىن- كىشىلەرگە يۇقىدىغان قورقۇنچلۇق بىر كېسەللىككە ئايلىنىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.