خىتاي قۇش زۇكىمى سەۋەبىدىن تىبەتتە 2 مىڭدىن ئوشۇق توخۇنى ئۆلتۈردى


2005.08.12

تىبەتتە قۇش زۇكىمى بايقالغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى جۈمە كۈنى تىبەتتىكى مەزكۇر كېسەل بايقالغان بىر توخۇ فېرمىسىدا 2608 توخۇنى ئۆلتۈرگەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك كومىتېتى پەيشەنبە كۈنى تىبەتتە 133 توخۇدا قۇش زۇكىمى بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ، قۇش زۇكىمىنىڭ بۇ يىلدا ھىمالايا رايونىدا تۇنجى قېتىم بايقىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. لېكىن تىبەتتە بۇ كېسەللىك ھازىرغىچە ئادەملەردە بايقالمىدى.

بۇ يىلدا قۇش زۇكىمى كېسىلى خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىدىن سىرت يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ كۆرۈلدى. لېكىن ئادەم ئۆلمىدى. بۇنىڭدىن سىرت يەنە، يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان بۇ خىلدىكى قۇش زۇكىمى رۇسىيە، قازاقىستان ۋە موڭغولىيە قاتارلىق جايلاردىمۇ بايقالدى. شۇنداقلا نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇ جايلاردىن توخۇ كىرگۈزۈشنى چەكلىدى.

نۆۋەتتە تىبەتتە قۇش زۇكىمى بايقالغاندىن كېيىن، سەھىيە مۇتەخەسسىسلىرى قۇشلارنىڭ پەسىللىك كۆچىشى سەۋەبىدىن بۇ كېسەللىكنىڭ ھىندىستان، ئاۋسترالىيە ھەتتا ياۋروپا ئەللىرىگىچە تارقىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرماقتا. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.