خىتاي تىبەت راھىبىغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشى مۇمكىن


2004.12.31

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شىنخۇئا ئاگېنتلىقى پەيشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، تىبەت راھىبى تېنزېن رېنپۇچى تۇرىۋاتقان تۈرمىنىڭ بىر نەپەر خادىمى، تېنزېننىڭ تۈرمە بەلگىلىمىلىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، يېڭى جىنايەت سادىر قىلمىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنىڭ تۈرمىدىكى ئىپادىسىنىڭ ياخشى بولىشى سەۋەبلىك، سىچۇئەن ئۆلكىلىك ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ تېنزېننىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ۋاقتى توشقاندا، ئاندىن ئۇنىڭ دېلوسىنى قايتا تەكشۈرۈپ بېكىتىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلغان. شۇ سەۋەبتىن رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۇ تىبەت راھىبىنىڭ 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى يەنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ۋاقتى توشقاندا جىنايىتىنىڭ يەڭگىللىتىلىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلدى.

ئەڭ مۇھىم مەسىلە

خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتىنىڭ دېرىكتورى بۇچۇڭ سېرىڭ (Bhuchung K. Tsering) بۇ ھەقتە رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ يۇقىرىدىكى خەۋەرگە ئېھتىياتچانلىق بىلەن قارشى ئېلىش پوزىتسىيىسى تۇتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

بىز، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇنى بۇنداق ۋىجدانسىزلارچە جايلاشقا ئۇرۇنغانلىقىنى بىلمىدۇق

"ئەگەر بۇ خەۋەر راست بولسا، بۇ ئەلۋەتتە ھۆكۈمەت باسقان قارشى ئېلىشقا تېگىشلىك بىر قەدەم بولىدۇ. ھەمدە بۇ تىبەت خەلقىغە تېنزېن رېنپۇچىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان تىرىشچانلىقلىرىنىڭ زايا كەتمىكەنلىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. لېكىن تېنزېنگە بېرىلگەن جازا ھەقىقەتەن يەڭگىللىتىلگەن تەغدىردىمۇ، بىز بۇنىڭ بىلەن مەسىلە پۈتۈنلەي ھەل قىلىندى دەپ قارىمايمىز. بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە، تىبەت راھىبى تېنزېن ئۈستىدىن ئېچىلغان سوت ئادىل بولدىمۇ-يوق؟

سوت ئادىل بولمىغان

بۇچۇڭ سېرىڭ سۆزىدە يەنە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى تېنزېن رېنپۇچىنى پارتلاش سادىر قىلغان باش جىنايەتچىلەرنىڭ بىرى دەپ ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭغا ھېچقانداق ئىسپات كۆرسىتىپ بېرەلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، سوراق قىلىش ۋە سوت ئېچىش جەريانىنىڭ پۈتۈنلەي يېپىق ھالەتتە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، ھەتتا ھېچكىمنىڭ تېنزېننىڭ سوتتا ئۆزىنى ئاقلىغىدەك پۇرسىتى بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتايدىكى بەزى زىيالىلارمۇ سوتقا چىقىپ تېنزېننى ئاقلاشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىغان.

ئۇ بىر ئاقكۆڭۈل ئادەم ئېدى

خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتىنىڭ دېرىكتورى بۇچۇڭ سېرىڭ رادىئومىزغا، تىبەت راھىبى تېنزېننىڭ ناھايىتى ئاق كۆڭۈل ياخشى بىر كىشى ئىكەنلىكىنى، ھەمدە ئۇنىڭ خەلقلەر ئارىسىدا چوڭ ئابرويغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"تېنزېن رېنپۇچى، دالاي لاما تەرىپىدىن لامالىق ئۇنۋانى بېرىلگەن كىشى. ئۇنىڭ بۇ شان-شەرەپكە ئېرىشىشى، ئۇنىڭ تىبەت جەمئىيىتى ئۈچۈن كۆپ ياخشى ئىشلارنى قىلغانلىقى ۋە خەلقلەرنىڭ ئىقىتسادىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى ئېھتىياجىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىدىن بولدى. ئۇ يەنە، تىبەت ۋە خىتايلار ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىمۇ يۇقىرى ئابرويغا ئىگە. بىز، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇنى بۇنداق ۋىجدانسىزلارچە جايلاشقا ئۇرۇنغانلىقىنى بىلمىدۇق."

خەۋەر ئىشەنچلىك بولىشى مۇمكىن

لوندوندىكى تىبەت ئۇچۇر تورىنىڭ باياناتچىسى دودىن بۇ ھەقتە توختىلىپ، تىبەت راھىبىغا بېرىلگەن جازانىڭ يېنىكلىتىلىشى ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ ئىشەنچلىك بولىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"ھۆكۈمەت تېنزېننىڭ جازاسىنى يېنىكلىتىشنى تېخى ئوچۇق جاكارلىمىغان بولغاچقا، بۇ يەنىلا بىر ئېنىق بولمىغان دېلو. ئەمما تۈرمە خادىمىنىڭ قىلغان سۆزلىرى ئىككى ھەپتە بولماي خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن نەچچە قېتىم ئېلان قىلىندى. مېنىڭچە بۇنىڭدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭ جازاسىنى يەڭگىللىتىشى مۇمكىنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ".

دودىن يەنە، خىتاينىڭ بۇنداق قىلىشىنىڭ مەنتىقىغە سىغىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى:

"خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەممىدىن خۇشال بولىدىغىنى، تېنزېن رېنپۇچىنى ئۆلتۈرۈش ئەمەس، بەلكى ئۇنى رەسمىي يوسۇندا ئوچۇق ھالدا گۇناھىنى تونۇتۇش. ھۆكۈمەت تېنزېننى بىر قانۇنسىز سىياسىي گۇرۇپپىنىڭ باشلامچىسى قىلىپ كۆرسەتمەكچى. ئەگەر خىتاي ئۇنى ئېتىۋەتسە، تېنزېن ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئالدىدا قەھرىمان بولۇپ قالىدۇ-دە. ئەلۋەتتە ھۆكۈمەت بۇ نەتىجىنى خالىمايدۇ."

دودىن سۆزىدە يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خېلىدىن بېرى چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا، تىبەت راھىبىنىڭ پۇشايمان قىلغانلىقىنى تەكىتلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كوڭچۇئەن جۈمە كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى سۇنغان تىبەت راھىبىنى قويۇپ بېرىش قارارىنى رەت قىلغان. شۇنداقلا ئۇ بۇ مەسىلىنىڭ تېررورچىلىققا چېتىلغان خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.(پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.