خىتاي دالاي لامانىڭ رەسىمىنى ساقلىغان بىر تىبەتنى قولغا ئالدى


2005.01.05

تىبەت كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ساقچى دائىرىلىرى بىر نەپەر تىبەت راھىبىنى، تىبەتلەرنىڭ دىنىي داھىيسى دالاي لامانىڭ رەسىمىنى ساقلىغانلىقى ئۈچۈن قولغان ئالغان.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ساقچىلار ئۆتكەن ئايدا تىبەت راھىبى فۇنتسوك سېرىڭنىڭ ئۆيىنى ئاختۇرۇپ، دالاي لامانىڭ رەسىمى ۋە تىبەت مىللەتچىلىكىگە ئائىت ماتىرىياللارنى تاپقان.

مەزكۇر تىبەت تەشكىلاتى نۆۋەتتە ئۆزىنىڭ بۇ تىبەت راھىبىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ قانداق جازاغا تارتىلغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئىگە بولالمىغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي ھۆكۈمىتى 1994 - يىلى كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ دالاي لامانىڭ رەسىمىنى ساقلىشىنى چەكلىگەن بولۇپ، كېيىنچە بۇ چەكلىمىنى پۈتۈن ئاممىدىن تارتىپ ئىبادەتخانىلارغىچە كېڭەيتكەن.

ئامېرىكىدىكى خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتىنىڭ ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، تىبەت رايونىدا تۈرمىدە يېتىۋاتقان تىبەت سىياسىي مەھبۇسلار 150 كە يېتىدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ 2/3 قىسمى راھىبلار ئىكەن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.