خىتاي ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان تىبەت راھىبى تېنزىن رىنپوچىنىڭ جازاسىنى يىنىكلىتىپ، ئۇنىڭغا ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى بەردى.
54 ياشلىق رىنپوچى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سىچۇئەننىڭ گەنزى دىگەن يېرىدە پارتلاش سادىر قىلغان دەپ ئەيىپلىنىپ، "دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش" جىنايىتى بىلەن ئۇنىڭغا 2002 - يىلى ئۆلۈم جازاسىنى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش جازاسى بېرىلگەن ئىدى.
تىبەتلەرنىڭ سۈرگۈندىكى دىنىي داھىسى دالاي لاما ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ تىبەت راھىبىنىڭ گۇناھسىزلىقىنى جاكارلاپ، ئۇنى قويۇپ بېرىشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلغان ئىدى.
بۇنىڭدىن سىرت يەنە، ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لورن كرېينېر (Lorne Craner) مۇ تېنزېن رېنپوچىنىڭ مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
تىبەتنىڭ سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى ۋە تىبەت كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئىزچىل تۈردە، تېنزېن رېنپۇچىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىن چىقىرىلغان ئەيىپلەشلەرنىڭ تولۇق ئىسپاتقا ئىگە ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ كەلدى.(پەرىدە)