خىتاي ھۆكۈمىتى 5 نەپەر تىبەت راھىبىنى قولغا ئالدى


2005.11.30

خىتاينىڭ تىبەت ئاپتونوم رايونىدىكى دائىرىلىرى يېقىندا 5 نەپەر تىبەت راھىبىنى قولغا ئېلىپ، ئۇلار تۇرۇشلۇق ئىبادەتخانىنى پېچەتلىۋەتكەن.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى تىبەت بۆلۈمىنىڭ ئىگىلىگەن ئۇچۇرىغا قارىغاندا، تىبەت ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئۆتكەن جۈمە كۈنى لاسادىكى جېپۇڭ ئىبادەتخانىسىغا كىرىپ، بۇ يەردىكى پېشقەدەم تىبەت راھىبى كېنپو ناۋاڭ باشچىلىغىدىكى 5 نەپەر تىبەت راھىبىنى قولغا ئالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى مەزكۇر جېپۇڭ ئىبادەتخانىسىدىكى راھىبلار تىنچ ئولتۇرۇپ نامايىش قىلغان بولۇپ، ئۇلار بۇ نامايىشنى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان "ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى" دە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇلارنى دالاي لامانى ئەيىبلەشكە مەجبۇرلىشىغا قارشى ئېلىپ بارغان ئىكەن.

بۇ راھىبلار ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ تەلىپىگە قارشى چىقىپ، ھەتتا ئۇلارنى دېڭ شياۋپىڭ بىلەن جياڭ زېمىننى ئەيىبلەشكە چاقىرسىمۇ، ئۇلارنىڭ بۇ تەلەپكە ئوخشاشلا قارشى چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

لاسانىڭ غەربىگە جايلاشقان جېپۇڭ ئىبادەتخانىسى، تىبەت بۇددىستلىرىنىڭ مۇھىم ئىبادەتخانىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، كۆپ بولغاندا بۇ يەرگە ھەتتا 7700دىن كۆپ راھىب يىغىلىدۇ. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.