خىتاي ئۆلۈم جازاسى بەرگەن تىبەت راھىبى تېخىچە ھايات ئىكەن
2004.12.13
بىر نەپەر خىتاي ئەمەلدارىنىڭ دۈشەنبە كۈنى مەلۇم قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان تىبەت راھىبى تېنزېن رىنپوچى تېخىچە ھايات ئىكەن.
53 ياشلىق بۇ تىبەت راھىبىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش ۋاقتى ئەسلى 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى توشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئالدىدا تىبەتلەرنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاما، ئامېرىكا ۋە كانادا ھۆكۈمەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇنى ئاتماسلىقنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ سىچۇئەندىكى تۈرمە باشقۇرۇش ئورگىنىدىكى جوئۇ فامىلىلىك بىر نەپەر خادىمنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرىشىچە، بۇ خادىم مۇخبىرغا تېنزېن رىنپوچىنىڭ تېخىچە ھايات ئىكەنلىكىنى، ھەمدە ئۇنىڭ تۈرمىدىكى ئىپادىسى ياخشى بولغاچقا ئۇنى تېخىچە ئاتمىغانلىقىنى ئېيتقان.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2002 - يىلى 12 - ئايدا تىبەت راھىبى 52 ياشلىق تېنزىن رىنپوچى بىلەن 28 ياشلىق لوبساڭ دوندۇپنى سىچۇئەننىڭ گەنزى دىگەن يېرىدە پارتلىتىش سادىر قىلغان دەپ ئەيىپلەپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. شۇنداقلا لوبساڭ دوندوپنى 2003 - يىلى 1 - ئايدا ئېتىپ، تېنزىن رىنپوچىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشنى ھۆكۈم قىلغان. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايلار ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلدى
- ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى خىتايدىن تىبەت راھىبىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى
- دالاي خىتاي ھۆكۈمىتىنى تىبەت راھىبىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشقا چاقىردى
- تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاما قالماقىستانغا قىلغان زىيارىتىنى باشلىدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى روسىيىنىڭ دالاي لاماغا ۋىزا بەرگەنلىكىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى
- رۇسىيە دالاي لامانىڭ قالماقىستاننى زىيارەت قىلىشىغا ۋىزا بېرىشنى قارار قىلدى
- رۇسىيە دالاي لاماغا ۋىزا بېرىش مەسىلىسىنى ئويلىشىۋاتىدۇ
- سۈرگۈندىكى تىبەتلەر خىتاي تۈرمىسىدىكى تىبەت راھىبى ئۈچۈن ئاچلىق ئېلان قىلدى
- دالاي لاما ياپونىيىنى زىيارەت قىلىدۇ
- بىر تىبەت يازغۇچىسى دالاي لامانى مەدھىيلىگەنلىكى ئۈچۈن خىزمىتىدىن ئايرىلدى