بىر نەپەر خىتاي ئەمەلدارىنىڭ دۈشەنبە كۈنى مەلۇم قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان تىبەت راھىبى تېنزېن رىنپوچى تېخىچە ھايات ئىكەن.
53 ياشلىق بۇ تىبەت راھىبىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش ۋاقتى ئەسلى 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى توشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئالدىدا تىبەتلەرنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاما، ئامېرىكا ۋە كانادا ھۆكۈمەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇنى ئاتماسلىقنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ سىچۇئەندىكى تۈرمە باشقۇرۇش ئورگىنىدىكى جوئۇ فامىلىلىك بىر نەپەر خادىمنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرىشىچە، بۇ خادىم مۇخبىرغا تېنزېن رىنپوچىنىڭ تېخىچە ھايات ئىكەنلىكىنى، ھەمدە ئۇنىڭ تۈرمىدىكى ئىپادىسى ياخشى بولغاچقا ئۇنى تېخىچە ئاتمىغانلىقىنى ئېيتقان.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2002 - يىلى 12 - ئايدا تىبەت راھىبى 52 ياشلىق تېنزىن رىنپوچى بىلەن 28 ياشلىق لوبساڭ دوندۇپنى سىچۇئەننىڭ گەنزى دىگەن يېرىدە پارتلىتىش سادىر قىلغان دەپ ئەيىپلەپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. شۇنداقلا لوبساڭ دوندوپنى 2003 - يىلى 1 - ئايدا ئېتىپ، تېنزىن رىنپوچىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشنى ھۆكۈم قىلغان. (پەرىدە)