خىتاي ھۆكۈمىتى بەش تىبەت راھىبىنى تۈرمىگە تاشلىدى


2005-02-13
Share

خىتاينىڭ چىڭخەي ئۆلكىسىدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يېقىندا بەش نەپەر تىبەتلىك راھىبنى سىياسىي جەھەتتىن سەزگۈر شېئىرلارنى نەشىر قىلغان دەپ ئەيىبلەپ، ئىككى يىلدىن- ئۈچ يىلغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ رادىئويىمىز تىبەت بۆلىمىگە بىلدۈرۈشىچە، چىڭخەيدىكى داكار تىرىيالدزۇڭ بۇدخانىسىنىڭ بۇ بەش نەپەر راھىبى 1 - ئاينىڭ 16 - كۈنى قولغا ئېلىنغان. خىتاي سوت دائىرىلىرى 20 كۈندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ ھەر بىرسىنى ئىككى يىلدىن- ئۈچ يىلغىچە كەسكەن.

داكار تىرىيالدزۇڭ بۇدخانىسى 1995 - يىلىدىن باشلاپ ئۆز ئالدىغا گېزىت چىقارغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ گېزىتلەردىكى بەزى شېئىرلار سەزگۈر سىياسىي مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دەپ قارىغان ھەمدە بۇ گېزىتنى چىقىرىشقا مەسئول بولغان بەش راھىبنى قولغا ئالغان. چىڭخەي ئۆلكىلىك ئالاقىدار تارماقلاردىن بۇ ۋەقەنى دەرھال ئېنىقلاش ئىمكانىيىتى بولمىدى.

بۇنىڭ ئالدىدا، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى، يازغۇچى نۇرمەمەت ياسىننى "كىشىلەرنى بۆلگۈنچىلىككە كۈشكۈرتىدىغان" ئەسەر يازغان دەپ ئەيىبلەپ، 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. (ئارزۇ)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت