كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينى تىبەت راھىبىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى تىبەت راھىبى سونامنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، تىبەتلەرنىڭ مۇقەددەس بۇتخانىسى بولغان پوتالا سارىيىنىڭ راھىبى سونامنى 21 - ئاۋغۇست كۈنى سىياسىي سەۋەبتىن تۇتۇپ كېتىپ قاماپ قويغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى سونامنى 1 - سېنتەبىر تىبەت ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى ھارپىسىدا ئېلىپ بارغان بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىش ھەرىكىتىدە قولغان ئالغان.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى باياناتىدا، ئۇلارنىڭ ھازىر سونام بىلەن بىرگە يەنە ئىككى نەپەر تىبەت راھىبىنىڭمۇ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر ئىگىلىگەنلىكىنى، ئەمما بۇنىڭ تېخى ئېنىقلانمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتتىلا ئەمەس، ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئالاھىدە كۈچەيتمەكتە. (پەرىدە)