تىبەتتە، نەچچىلىگەن تىبەتلىك بۇددىست راھىبى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەييارلانغان دالاي لامانى بۆلگۈنچى دەپ ئەيىبلىگەن بىر ھۆججەتكە قول قويۇشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى.
مەركىزى ھىندىستاننىڭ درامسالا شەھىرىدىكى تىبەت كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە مەركىزىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تىبەتنىڭ پايتەختى لاسا شەھىرى يېقىندىكى دىپۇڭ بۇتخانىسىدىكى بەش راھىب مەزكۇر ھۆججەتكە قول قويمىغانلىقى ئۈچۈن بۇتخانىدىن قوغلاندى قىلىنىپ، ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر بەش راھىبنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى، دىپۇڭ بۇتخانىسىدىكى 400 راھىبنىڭ 25 - نويابىر كۈنى نارازىلىق ھەرىكىتى قوزغىشىغا سەۋەب بولغان. ئۇلار دالاي لامانى بۆلگۈنچى دەپ ئەيىبلەشنى ۋە تىبەتنىڭ خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلىپ، ھۆكۈمەتنى تۇتۇپ كېتىلگەن بەش راھىبنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى ۋە ھەربىي قىسىملىرى راھىبلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇپ، ئۇلارنى قاتتىق ئۇرغان. ھازىر دىپۇڭ بۇتخانىسى خىتاي بىخەتەرلىك قىسىملىرى تەرىپىدىن قورشالغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ بۇتخانىغا كىرىپ چىقىشى چەكلەنگەن. (قانات)